كۆك كىتبولسا بىر خىل دېڭىزدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى ،جەمئىي تۆت كەنجى تۈرى بار ،كۆك كىت دۇنيادا ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھايۋان ھېساپلىنىدۇ ،ئۇزۇنلىقى 33 مېتىرغا يېتىدۇ ،ئېغىرلىقى 200 توننا ،كۆك كىتنىڭ بەدەن شەكلى ئۇزۇنچاق ھالەتتە ، دۈمبە قىسىمى كۆكۈچ كۈلرەڭ ،لېكىن سۇدا قارىماققا سۇس رەڭدە كۆرىنىدۇ ،،باشقا بۇرۇتلۇق كىتقا ئوخشاش ،كۆك كىتمۇ قاسراق تۈرىنى ۋە كىچىك بېلىق تۈرنى ئىستىمال قىلىدۇ ،كۆك كىت ئادەتتە كۈندۈزى 100 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلىقتىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ ،كېچىسى ئاندىن سۇ يۈزىدىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ،كۆك كىت ئادەتتە كەچ كۈزدە جۈپلىشىش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ تاكى قىشنىڭ ئاخىرىغىچە ،ئىككى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تۇغىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۆك كىت
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 藍鯨
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كىت ئائىلىسى

سىرتقى شەكىلى تەھرىرلەش

كۆك كىت ئەڭ چوڭ كىت تۈرى بولۇپلا قالماي يەنە ، نۆۋەتتە ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ ھايۋان ،ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ،لېكىن ئېغىرلىقىنى سېلىشتۇرۇش تەس ،ئومۇمەن بەدەن ئۇزۇنلىقى 22- 33 مېتىرغىچە ، بەدەن ئېغىرلىقى 150 توننىدىن 200 توننىغىچە بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتىن 25 ئافرىقا پىلىغا توغرا كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ ،ياكى 2000 -3000 ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغاتوغرا كېلىدۇ ،ھېلىمۇ ياخشى ،سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ رولى بىلەن ، قۇرۇقلۇق ھايۋىنىغا ئوخشاش كۈچ سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، غايەت زور بەدىنى ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ساقلاپ تۇرىشىغا پايدىلىق كۆك كىتنىڭ بەدىنى سۇس كۆك رەڭدە ،پۈتۈن بەدىنى سۇيۇر شەكىلدە بولۇپ قارىماققا بىر ئۇستۇراغا ئوخشايدۇ ، كۆك كىتنىڭ بېشى ئىنتايىن يوغان بولىدۇ،تىلىنىڭ ئۈستىدىمۇ 50 ئادەم تۇرالايدۇ ،ئۇنىڭ يۈرىكى كىچىك ماشىنىچىلىك كېلىدۇ ،يېڭىدىن تۇغۇلغان كىت بالىسى ئادەتتىكى پىلنىڭ ئېغىرلىغىچىلىك بولىدۇ ،ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ ، ھەر 24 سائەتتە 90 كېلوگىرام ئېغىرلايدۇ .

ياشاش قانۇنىيىتى تەھرىرلەش

كۆك كىت ئارام ئالىدىغان دېڭىز قولتۇقلىرىغا قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىزلاردىن قۇيۇلغان مول بولغان ئورگانىك ماددىلار بولۇپ ، سۇ تەركىبىنى ئىنتايىن مولاشتۇرۇپ سۇدا ياشىغۇچى لەيلىمە جانلىقلانى كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ ،كىتنىڭ ئاشقازىنى تۆتكە بۆلىنىدۇ ،بىرىنچى ئاشقازىنى بىر قېتىمدا 2 مېليون دانە ئۇششاق راكلارنى يېۋىتەلەيدۇ ،ھەركۈن ى 4000 -8000 كېلوگىرامغىچە يەيدۇ ،كۆك كىتنىڭ ئېغىزىنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاتار تاختىسىمان بۇرۇتلىرى بولۇپ خۇددى تاسقاققا ئوخشاش ،قورسىقىنىڭ ئىچىدىمۇ يەلپۈگۈچكە ئوخشاش پۈرۈلمىللىرى بولۇپ ، چوڭىيالايدۇ ھەم كىچىكلىيەلەيدۇ ، شۇنداق بولغاچقا دېڭىزدىكى سۇ ۋە راكلارنى بىراقلا يۇتىدۇ ، ئاندىن ئاغزىنى ئېتىپ سۇنى بۇرۇتلىرى ئارىسىدىن چىقىرۋېتىدۇ .

كۆك كىت گەرچە دېڭىزدا ياشىسىمۇ ،بىراق باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ ،ئۆپكىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1000 كېلوگىرامدىن ئاشىدۇ ، 1000 لېتىردىن ئارتۇق ھاۋانى سىغدۇرالايدۇ ،بۇنچە چوڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى كۆپ ئازايتقان يەنى 10 - 15 مىنۇتتا ئاندىن بىر قېتىم نەپەسلىنىدۇ ،ھەر قېتىم بېشىنى سۇ يۈزىدىن چىقىرىپ نەپەسلەنگەندە ،بەدەن ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ .توپلىشىپ ياشىمايدۇ .

تارقالغان رايونلار تەھرىرلەش

كۆك كىت جەنۇبىي قۇتۇپتىن شىمالى قۇتۇپقىچە بولغان جەنۇپ شىمال ئىككى يېرىم شاردىكى ھەرقايسى دېڭىز ئوكيانلارغا تارقالغان ،بولۇپمۇ جەنۇبىي قۇتۇپقا يېقىن دېڭىز ئوكيانلادا سانى بىرقەدەر كۆپ ،لېكىن ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ئاز ئۇچرايدۇ .

تارقالغان دۆلەتلەر ؛ ئانگولا ،ئارگېنتىنا ،ئاۋىستىرالىيە ،باھاما ،بېنگال ،بېنىن ، برازىلىيە ،كامېرون ،كانادا ،يېشىل تۇمشۇق ،جوڭگۇ،كولۇمبىيە ،كومورۇ ،كۇك تاقىم ئاراللىرى ،كوستارىكا ،جىبۇتى ، سالۋادور ، ئېكۋادور,گۋىنىيە ، ئېرىترىيە,فالكلاند تاقىم ئاراللىرى (مالۋېناس تاقىم ئاراللىرى), فائېرو تاقىم ئاراللىرى (دانىيە) ، گابون ، گانا ، گېرېتسىيە ، ئىسلاندىيە ، ھىندىستان ، ھىندونېزىيە ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ، ئىراق ، ئىرېلاندىيە ، ياپونىيە ،كېنىيە ، ، مالايسىيا ، مالدىۋې ،تاقىم ئاراللىرى ، ،ماۋرىتانىيە ماۋرىتىئۇس ،مېكسىكا ، بېرما، موزامبىك ، نامىبىيە ، يېڭى زېلاندىيە، نىكاراگۇئا ، نىگېرىيە ، شىمالىي نىكاراگۇئا ، نورۋېگىيە ، پاكىستان ، فىلىپپىن، پاناما ، پورتىگالىيە ، رېئۇنىئون ئارىلى ، سرىلانكا،ئىسپانىيە ،تايلاند ،شەرقىي تىمور، سېنېگال ، سېيشېل ،سومالى ،جەنۇبىي ئافرىقا ،تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى،ئەنگىلىيە ،جوڭگۇ ،ئۇرۇگۋاي ،غەربىي ساخارا ،يەمەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار .