خۇرۇچى تەھرىرلەش

كۆك (يىڭى كۆلەپ چىققان بىدە ) - يېرىم جىڭ ، ئاق ئۇن - بىر جىڭ ، قۇيرۇق ماي - بىر سەر ، سۇ مېيى - بىر سەر ، كاۋاۋىچىن - بىر سەر ، يۇمغاقسۇت - بىر مىسقال . تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .

ئىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

1 . خېمىرى ئادەتتىكى چۆچىرىنىڭكىدەك تەييارلىنىدۇ . 2 . قۇيرۇق ماينى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرلغن كۆكنى ، سۇمېيى تۇز كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز . قۇيرۇق ماي بولمىسا سۇمېيى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ . 3 . تەييارلانغان جىلىتقا كۆك قىيمىدىن سېلىپ چۆچىرە تۈگۈپ ، قازانغا سېلىپ 10 مىنۇتقىچە پىشۇرۇپ ، تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ ، يۇمغاقسۇت سېلىپ قاچىلارغا ئۇسۇمىز .

ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ ، يىڭى قان پەيدا قىلىدۇ ، سالامەتلىككە پايدىلىق .