Open main menu

Wikipedia β

كۇفى خەت نۇسخىسى

كۇفى خەت نۇسخىسى ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەكىللىرىدىن بىرى. بۇرۇنقى يەمەنلىك ئەرەبلەر ”مۇسنەدىل خەمىرى“دەيدىغان بىر خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن، ھىجاز رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەررانغا يېقىن يەردە ياشايدىغان ئەرەبلەر”نەباتىيە“دەيدىغان بىر خىل خەت نۇسخىسىنى قوللانغان، كېيىن نەباتىيە خەت نۇسخىسى كۇفە رايونىغا تارقىلىپ ھەم بۇ جايدا تەرەققىي قىلىپ، ”كۇفى خەت نۇسخىسى“دەپ ئاتالغان.

مەھمۇد شاكىر زەنبەلى «ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق كىتابىدا: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئالىي قوماندانى سەئىد ئىبنى ۋەققاس كۇفەدىكى بارگاھىدا تۇرغان مەزگىلدە لەشكەرلىرىگە ئىفرات دەرياسى ۋادىسىدىكى كۇفە رايونىدا بىر شەھەر قۇرۇشنى بۇيرۇغان. بۇ دەل كېيىنكى زامانلاردىكى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي شەھەر كۇفە ئىدى. كېيىن تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئەبۇ تالىپ خەلىپىلىك مەركىزىنى مەدىنەدىن كۇفەگە يۆتكىدى، ئەلى مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى كۇفى خەت نۇسخىسى دەپ ئاتىدى“دەپ يازغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا كاتىپلار قۇرئان كەرىمنى كۇفى خەت نۇسخىسىدا يېزىپ خاتىرىلەيتتى، بۇ خەت نۇسخىسى ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر توم ھەم كۈچلۈك، چاسا ھەم يۇمىلاق، تىك ۋە توغرا سىزىقلىرى روشەن بولغان بۇ خەت نۇسخىسىنى مەسچىت تاملىرىغا، دەرۋازىنىڭ بېشىغا، ئوردا-سارايلارغا ۋە تاش ئابىدىلەرگە ئويۇپ نەقىشلىدى. كۇفى خەت نۇسخىسىنى يازغاندا باشقا خەت نۇسخىلىرىنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان بامبۇك قەلەم، قومۇش قەلەمدىن باشقا يەنە پەلكۈچ قەلەم، سىزغۇچ، ئۈچ بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ، سىركۇل قاتارلىق نەرسىلەر كېرەك. بەزىلەر: “كۇفى خەت نۇسخىسى خەتتاتلىققا ئەمەس، بەلكى گۈزەل سەنئەتكە تەۋە” دەپ قارايدۇ، بەزى كۇفى خەت ئەسەرلىرىدە ھەرپلەر كۆپلىگەن سىزىقچە، ئۆسۈملۈك نەقىشلىرى ۋە گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ.

كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ تۈرى 70 خىلدىن ئاشىدۇ. رايونغا ئاساسەن، ئىزمىر (كۇفى خەت) نۇسخىسى، مەككە نۇسخىسى، ئەندەلۇسىيە نۇسخىسى، شام نۇسخىسى، ئىراق نۇسخىسى، فاتىمىيە نۇسخىسى، ئەيۇب نۇسخىسى، مەملۈك نۇسخىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ شەكلىگە ئاساسەن، ئاددىي كۇفى، يوپۇرماق شەكىللىك كۇفى، ئۆرۈمە چاچ شەكىللىك كۇفى، گېئومېتىرىيەلىك كۇفى، تۈۋرۈك شەكىللىك كۇفى، يېڭى كۇفى (خەت نۇسخىسى) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

مەنبەتەھرىر

مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.