كۇيا بازىرىقاراقاش ناھىيىسى نىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرق تەرىپى ماڭلاي يېزىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپىزاۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب تەرىپى قاراساي ئۆستىڭى ئارقىلىق زاۋا بازىرى، ئۇرچى يېزىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپىقاراساي بازىرى،ياۋا يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 40 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان.

كۇيا بازىرى

奎牙镇.Kuya Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 30 دانە
نوپۇس 38 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

  • كۇيا بازىرىدا 30 دانە كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
  • كۇيا كەنتى، دېھقان كەنتى، دەرۋىش كەنتى؛
  • كەكلىك كەنتى، قاراقۇزۇق كەنتى، قوش ئېرىق كەنتى؛
  • سايات كەنتى، دۈشەنبە بازىرى كەنتى، گۈلچى كەنتى؛
  • قادى كەنتى، پاختەك كەنتى، ئۈزۈملىك كەنتى؛
  • باش ئاچما كەنتى، ئوتتۇرا ئاچما كەنتى، ئاياغ ئاچما كەنتى، قاتناش كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

كۇيا بازىرى كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.