كۇچا خانىقاسى
كۇچا خانىقاسى مەشھۇر مەسچىت . ئورنى كۇچا ناھىيسىنڭ شەرقىدە . تەخمىنەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، 16 - ئەسىردە شىنجاڭدىكى قارا تاغلىقلارنىڭ مۇرشىدى ھەزرەت خوجا مۇھەممەد ئىسھاق ۋەلى قەشقەردىن كۇچاغا كېلىپ دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بارغاندا سالدۇرغانىكەن . چىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرى ، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى بىر نەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغانىكەن . 1931 - يىلى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان . شۇ يىلى كۇچالىق باي ھەلىم ھاجى پۇل چىقىرىپ ئەسلى ئورنىنىڭ يېنىغا قايتا سالدۇرۇشقا باشلىغان ، 1934 - يىلى قۇرۇلۇش پۈتكەن . قۇرۇلۇشقا قىزىل خىش ، تاش ، گەج ۋە ئۈجمە ياغىچى ئىشلىتىلگەن . بۇ مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 21 مو بۇلۇپ ، نامازخانا ، پەشتاق ، قۇببىلىك دەرۋازا راۋىقى ، ئەزان راۋىقى ، مەدرىسە ، ياتاق قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان . ئۈچ پەشتاق ئايرىم - ئايرىم ھالدا دەرۋازا راۋىقىنىڭ يېنىدا بولۇپ ، ئېگىزلىكى 16 مېتىر . ئورنى ئېگزرەك يەردە بولغاچقا ، پۈتۈن شەھەر كۆرىنىپ تۇرىدۇ . نامازخاننى 88 تال تۈۋرۈك تىرەپ تۇرىدۇ ، ئوچۇق بۆلمە ، قوشۇمچە بۆلمە ۋە چەت بۆلمىلەر ، شۇنىڭدەك روجەك قاناتلىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . ئوتتۇردا ئۆگزىدىن ئېگىزرەك چىقىپ تۇرغان تۈڭلۈك ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئايلانما لەمپىلىك تورۇس بىلەن يېپىلغان ، تۈۋرۈكلەرگە ھەر خىل نەقىشلەر ئويۇلغان . نامازخانا ئىچىدە ئويما نەقىشلەر ، تام رەسىملىرى ، ھۆسنىخەتلەر بار بولۇپ ، بەك كۆركەم بېزەلگەن ، ئويۇق ، تەكچە ۋە ئىشىك - روجەكلەرنى بېزەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن . سىرتقى كۆرىنىشى ھەيۋەتلىك ، ئاددىي - ساددا ۋە نەپىس بولۇپ ، بىر قەدەر يۇقىرى سەنئىەت سەۋىيسى نامايەن قىلىنغان ، قۇيۇق ئۇيغۇر بىناكارلىقى ئۇسلۇبىغا ئىگە . مەزكۇر مەسچىت كۇچا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ ، نەچچە مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ . قورۇ ئىچىدە نامسىز مازار ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا تەۋە بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى بار .