كۈرە قەدىمى شەھرى

قەدىمىي شەھەر كۈرە – قورغاس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان 250يىللىق تارىخقا ئىگە مەشھۇر قەلئە.

كۈرە كونا شەھەر ۋە يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كونا شەھەر 1871 – يىلى چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىلىنى بېسىۋالغاندا ۋەيران بولغان. 1882 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىدا گېنېرال مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ھازىرقى يېڭى كۈرە شەھىرىنى بىنا قىلغان.

بۇ يېڭى شەھەرنىڭ ئايلانمىسى سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، شەھەر ئىچى كۆركەم لايىھەلەنگەن. 1996 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى››قىلىپ بېكىتىلگەن. 2007 – يىلى ‹‹جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى نامى بار بازار›› دېگەن نام بېرىلگەن.[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. تەڭرىتاغ تورى، 27 دىكابىر 2016 ئۇلانمىسى