كېرىيە جامە مەسچىتى

كېرىيە جامە مەسچىتى مەشھۇر مەسچىت . ئورنى كېرىيە ناھىيسىدە . يۈەن ، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە سېلىنغان ، كېيىن كۆپ قېتىم كېڭەيتىلىپ ھازىرقى كۆلەمدىكى مەسچىت شەكىللەنگەن . بۇ مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 12 مىڭ 580 كىۋادىرات مېتىر . نامازخانىسىنىڭ ئايۋان بىلەن قوشۇلغاندىكى ئوزۇنلىقى 72 مېتىر ، كەڭلىكى 5041 مېتىر بولۇپ ، 5000 - 6000 كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ . مەسچىت قورۇسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 109 مېتىر ، كەڭلىكى 88 مېتىر ، يەر مەيدانى 9592 كۋادېرات مېتىر . قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتلاردا 10 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ناماز ئوقۇيالايدۇ . ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنيەت يادىكارلىقى قاتارىدا قوغدىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ .