كېچە [kéçe] — كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت.

بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە

  1. زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت)،
  2. ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)،
  3. تۈن نىسبى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)،
  4. باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت)،
  5. سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.