كەرەيلەر تەھرىرلەش

كەرەيلەر قىتان خانلىقى ۋە ئالتۇن خانلىقى دەۋردە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان تۈركى قەبىلە بولۇپ،ياشاش دائىرسى تۇغلا دەرياسى،ئورقۇن دەرياسى ۋە كېرۇلۇن دەريالىرنىڭ ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ."لياۋ تارىخى" دا كەرەيلەر " زۇبۇلار" ياكى" شىمالى زۇبۇلار" دەپ خاتىرلەنگەن،يەنە " تاتارلار" مۇ دېيلىگەن.

ئىرقى قۇرۇلمىسى تەھرىرلەش

كەرەيلەر مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا خاكاسلار(قىرغىزلار)غا ئەگىشىپ يېنىسەي دەريا بويلىرغا چۈشكەن قەبىلىلەر،ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورقۇن بويلىردا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار،قىتان خانلىقى،ئالتۇن خانلىقى دەۋردىكى تۈركى قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان.ھازىرقى قازاق مىللىتىدە كەرەي قەبىلىسى بولۇپ نوپۇسى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.

گۈللىنىشى ۋە خاراپلىشىشى تەھرىرلەش

10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرنىڭ ئالدىدا،كەرەيلەر تاتارلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان،قىتان خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە،قىتانلار تەرپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.سۈرىيە تارىخى ماتېرىياللىردا خاتىرلىنىشچە:" قىتان خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەرەيلەرنىڭ بىر قەبىلە باشلىقى ئوۋغا چىققاندا زور قارغا دۇچ كەلگەن ھەم بۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نېستۇرى روھانىيسى بىلەن ئۇچراشقان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتكۈل قەبىلىنى باشلاپ نېستۇرى دىنىغا كىرگەن."

1100-يىلى ماركۇس ئىسىملىك قەبىلە باشلىقى ئاسىيلىق قىلغاچقا ئۆلتۈرۈرلگەن.ئالتۇن خانلىقنىڭ دەسلىپىدە،ئۇنىڭ ئوغلى قۇرجاقۇسخان قەبىلە باشلىقى بولغان ھەم مەركىتلەر بىلەن توقۇنۇشقان.مەركىتلەر قۇرجاقۇسخاننىڭ ئوغلى توغرۇل (ۋاڭخان)نى بۇلاپ كېتىپ قۇل قىلىۋالغان،قۇرجاقۇسخان كېيىن ئۇنى قۇتۇلدۇرغان.كەرەيلەر كېيىن تاتارلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، توغرۇل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى تاتارلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن،ئاتسىى قۇرجاقۇسخان نايمانلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكەن.نايمانلار قۇرجاقۇسخانغا خانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن،قۇرجاقۇسخان ئۆلگەندىن كېيىن توغرۇل باشقا ئاكا-ئۇكىلىرنى ئۆلتۈرۈپ خان بولۇشنى تالاشقان ھەم تاغىسى گۇرخاننى قەبىلىدىن قوغلاپ چىقارغان،توغرۇل كېيىن يەسۇگەي(تۆمۈرچىننىڭ ئاتسى)نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كەرەيلەرگە خان بولغان ھەم يەسۇگەي بىلەن "ئەندا"(ئاغا-ئىنە)بولۇشقان.تۆمۈرچىن كېيىن توغرۇلنىڭ ھەمدەمدە بولىشى بىلەن تاتارلارغا جازا يۈرشى قىلغان،توغرۇل ئەسكەر چىقىرغان ھەم تۆھپە كۆرسەتكەن بولغاچقا ۋاڭلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن،شۇندىن باشلاپ ۋاڭخان دەپ ئاتالغان.

1190-يىلى كەرەيلەردە نىزا كۆرۈلگەن،ۋاڭخان قىتان خانلىقغا قېچىپ بېرىۋالغان،1196-يىل قايتىپ كېلىپ چىڭگىزخاننىڭ ياردىمى ئاستىدا خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن،كېيىن نايمانلار بىلەن توقۇنۇشقان،1203-يىلى يەنە چىڭگىزخان بىلەن توقۇنۇشقان،نەتجىدە موڭغۇللار غەلبە قىلغان،كەرەيلەر مەغلۇب بولغان،ۋاڭخان نايمانلارنىڭ قېشىغا قاچقان،بىراق نايمانلارنىڭ چېگرا قوغدىغۇچى سانغۇنى قورى سۇباچ تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ۋاڭخاننىڭ ئوغلى سەنگۈم ئاتىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئاۋال تاڭغۇتقا ئاندىن تۈبۈتكە،ئاخىردا كۈسەنگە قاچقان،بىراق كۈسەن خانى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن،شۇنداق قىلىپ كەرەيلەر رەسمى گۇمران بولغان.