كەكمېنىر(تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرغىچە ) بۇددىزىم مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ياشىغان مائارىپچى، شائىر، بۇددىزىم ئۇيغۇر مائارىپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى . كەكمېنىر قەدىمقى مىران (ھازىرقى چاقىلىق ) دىگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇنىڭ «بالامغا تەلىم» شىئېرىدا مۇنداق مىسرالار بار : بالام گۆدەك ئۇقۇشقا كۆڭۈل قويمايدۇ، كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار ئۇنى ئۇقمايدۇ . بىلسە ئىدى كىتاپتىكى ئالتۇن قەدرىنى، ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە يېقىپ چىراقنى . شائىرنىڭ يەنە ۋەكىل خاراكتىلىك ئەسىرى 815-يىلى يېزىلغان «چىلبۆرىلەر ئۈستىدىن شىكايەت » دىگەن شىئېرى بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈربۈت «تىببەت» باسقۇنچىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى ئۈستىدىن كۈچلۈك شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى نامايەن قىلغان .