كەڭ قورساق ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار
ئامېرىكىدا بىر ئادەم ئۆزىنى "مەن چەتئەللىك،" دېمىسە ھىچ كىم ئۇنىڭ چىرايىغا ياكى كىيىنىشىگە قاراپ ئامېرىكىلىق ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ. ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىدا مېكسىكىلىق كۆچمەنلەر 27 مىيۇندىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكىدا ئامېرىكىلىق بولۇشنىڭ چىراي، تىل، ئۆرپ-ئادەت، دىن، كىيىم كېچەك قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەن مۇتلەق ئۆلچىمى يوق. ئامېرىكىدا ئېنگىلىز تىلىنى ھەرخىل تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان نەچچە ئون مىليۇن كۆچمەن ياكى كۆچمەن ئەۋلادى ياشايدىغان بولغاچقا ئېنگىىلىز تىلىنى راۋان بىلىش بىلمەسلىكنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇش بولماسلىق بىلەن ئالاقەسى يوق. بىر تىلنى بىلمەسلىك، بىر پارتىيەگە ئەگەشمەسلىك، بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەن ئامېرىكىلىق بولۇش بولماسلىق ھەققىدە تىرناقچىلىك مۇناسىۋەت يوق. ئامېرىكىدا چەتئەللىكتىن ئايرىم ھەق، ئامېرىكىلىقتىن ئايرىم ھەق ئالىدىغان، كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرى بىر مەكتەپتە يەرلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى يەنە بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىش يوق. خىزمەت ئىزدىگەندە مىللىتىنى، قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى، قايسى دىنغا ئىشىنىدىغانلىقىنى شەرت قىلىدىغان ئىش يوق. بەزىدە ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ئاز سانلىقلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپتىن ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغۇداپ، تەشەببۇس قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقىنىغا قاراپ ئامېرىكىلىقلاردىكى كەڭ قۇرساقلىقنىڭ دۇنياغا يېيىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ كېتىمەن.
مىجەزدىكى قوبۇلچانلىق، ئوچۇقلۇق، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىلىقلار ئۇيغۇرلارغا شۇنداق ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار مۇشۇ كەڭ قورساقلىقى بىلەن دىيارىمىزغا كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرگىلا ئەمەس مۇسۇلمان بولمىغان شىبە، داغۇر، مانجۇ، موڭغۇللارغىمۇ يەر بېرىپ، زىددىيەتلەشمەي، ئۇلارنى ئىختىيارى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلۇق سېپىدىن ئورۇن بەرگەن. شۇڭىمىكىن1930-ۋە 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىدا موڭغۇللار، شىبەلەر، تاجىكلار قاتارلىق ئۇيغۇلار بىلەن تىل ئورتاقلىقى بولمىغان مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۆرەش قىلغان. ئەسلى ئەينى چاغدىكى پايدا زىياننى ئويلاشقاندا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ كۆرەش قىلىشتىن شىڭشىسەي ۋە گومىنداڭ تەرەپتە تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئېدى. ئەپسۇسلۇق يېرى شۇكى، دىيارىمىزدىكى غۇلجا، ئارتۇچ، كورلا قاتارلىق ئۇيغۇر كۆپ شەھەرلەرنى قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ئوبلاستلىرىنىڭ مەركىزى قىلىپ تاللاش دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرنى گەۋدە قىلىپ تەقدىرداش ياشاۋاتقان بۇ مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي داۋاملىشىۋاتقان ئۆملىكىگە زەخمەت سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق سىياسىي ئامىللار ئۇيغۇرنىڭ كەڭقورساقلىقىنى زىدىلىمەكتە، ئەلۋەتتە. مەن ئوقۇغان مەكتەپتە چىركاۋمۇ، مەسجىدمۇ بار. جۈمە كۈنلىرى كەچتە مەكتىپىمىزدىكى مەسجىد ۋە دىنىي گورۇپپىلاردا قۇرئان ئۆگىنىش كۇرسىمۇ، ئىنجىل ئۆگىنىش دەرسلىرىمۇ بار. مەكتىپىمىزنىڭ دىن پاكۇلتىتىدا ئىسلام، خىرىستىيان، بۇددىزىم ۋە يەھۇدى دىنلىرى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ھەرقانداق چاغدا بۇ دەرسلەرنى ئاڭلىسا بولىدۇ. بۈگۈنى ئىسلام دىنىنى تاللاپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئەتىسى خىرىستىيان دىنى دەرسىنىمۇ تاللاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىسلامدىن دەرس بېرىدىغان مۇسۇلمان پروفېسسورلار بىلەن خىرىستىيان دىنىنى تەرغىپ قىلىدىغان پروفېسسورلارنىڭ بىللە قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىپ كېتىشلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. قايسى يىلى ئامېرىكىدا بىر مەكتەپنىڭ پەلەسەپە فاكۇلتىتى ماركىسىزىم پەلەسەپىسىدىن دەرس بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بۇشۇتېۋېتىپتۇ. باشقا بىر فاكۇلتىتتتا ئىشلەيدىغان، دائىم مەزكۇر قوغلاندى پروفېسسور بىلەن روبىرۇ كېلىپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ قالىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى مۇراجەتنامە چىقىرىپ ماركىسىزىمچىنىڭ قوغلىنىشىغا جامائەت پىكرى توپلاپ ئۇ پروفېسسورنى قايتتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مەكتەپتە ماركىسىزىمچى پروپېسسورنىڭ بولىشى مەكتەپنى كۆپ خىل ئىددىيەنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ ئىلمىي مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەن. مەنچە ئامېرىكىلىقلاردىكى كەڭ قورساقلىق، قوبۇلچانلىق مۇشۇنداق ئىلىم سورۇنلىرى، تەلىم تەربىيە ئورگانلىرىدا مەقسەدلىك يېتىلدۈرىلىدۇ.
ئون نەچچە يىللار ئىلگىرىغۇ دەيمەن، بىر يىلى كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇلغا بارسام ئۇيغۇرنىڭ مەسجىدى بىلەن موڭغۇلنىڭ (كۈرە)(بۇتخانا) سى بىر يول ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. خۇددى ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئىتىقادىغا تارىختا قانداق ھۆرمەت قىلغان، موڭغۇللار بۇ ھۆرمەتتىن قانچىلىك مىننەتدار بولغان بولسا بۈگۈنمۇ شۇنداقكەن. ھىچ كىم ھىچكىمگە دەخلى قىلماپتۇ. باغراشتەك ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى بىرەر مىڭدىن سەللا ئاشىدىغان ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇيغۇرچە بىلىدىغان موڭغۇل ئايال بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتىم. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى موڭغۇل دېمىگەن بولسا ئۇيغۇرمىكىن دەپ قالاركەنمەن. نوپۇس نىسبىتى بويىچە بولغاندا ئۇ ناھىيىدە خەنسۇچىدىن باشقىسى ئاقمايدۇ. شۇنداقكەن ئۇ موڭغۇل نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدۇ؟ ئاڭلىشىمچە ئۇ ئايال كىچىكىدە مەھەللىسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر قوشنىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋالغانىكەن. ئەگەر شۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۇيغۇرلارغا خاس قوشنىدارچىلىقنىڭ مېھرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن يەتكۈزمىگەن بولسا شۇ موڭغۇل ئۇيغۇرچە ئۆگىنەرمىدى؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېركىلىقلارغا ئوخشاش كەڭ قورساقلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان بولسا غۇلجىدىكى شىبەلەردىن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىچىلار چىقمىغان بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان بولسا موڭغۇللاردىن مېڭ چىبىدەك ئۇيغۇلار ئۈچۈن قەلەم تەۋرىدىغان قەلەمكەشلەر چىقمىغان بولاتتى. چاپچال ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى تەسىر قىلمىغان بولسا شىبەلەردىن تۆمۈر گۈئەنچىڭفۇدەك ئۇيغۇرچە يازىدىغان يازغۇچىلار مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان تەقدىرداش بولۇپ بىر توپراقتا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قەلبىنى ھىچ بىر تەشۋىقاتسىز ئۆزىگە مايىل قىلالىغان. ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويماي تۇرۇپ قوبۇل قىلدۇرالىغان. ئەڭ تەسىرلىك يېرى ئۇلارنى ھايات ماماتلىق جەڭ مەيدانىدىمۇ زېمىنداش مىللەتلەرنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرالايدىغان قىلىپ ئۆملەشتۈرەلىگەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىغدۇرشچانلىقى بولمىغان بولسا دۇنيادىكى ھەممە ئىرقنىڭ كىشىلىرى تېپىلىدىغان ئامېرىكا بۈگۈن ئىرقىي زىددىيەتنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ ماجرالار قاينىمىغا غەرق بولغان بولاتتى. كەڭ قورساقلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئامېرىكا مەدەنىيىتى، كەڭ قورساقلىقنى قوغۇدايدىغان ئامېرىكا قانۇنى بولغاچقىلا ئامېرىكىدا ئوخشىمىغان تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئىرىققا تەۋە مىللەتلەر دەۋا دەستۇرسىز بىرلىكتە قوۋناق ياشىماقتا.
خۇددى ئۇيغۇلار تارىختىن بېرى ئەتراپىدىكى كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقاندەك بۈگۈنكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ دۇنيا كۆچمەنلىرىگە قەلبىدىن ۋە زىمىنىدىن جاي بېرىشى، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ ئۆز ئارزۇسى بويىچە سىياسى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللاۋاتقان ئامېرىكىدىكى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ خىراجىتى ئامېرىكىلىقلار تاپشۇرغان باجدىن كېلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خەلقى بۇنداق يارىدەملەردە بولۇشنى رەت قىلسا ھىچ بىر سىياسىي كۈچنىڭ خەلقنىڭ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. مەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىسىدىكى مېكسىكلىق، گېرىتسىيەلىك، رومۇنىيەلىك كىشىلەر بىلەن كىرىش چىقىش قىلىپ ئۆتۈشلىرىگە قاراپ ئەجداتلاردىكى كەڭ قورساقلىقنىڭ ئامېرىكىدىكى جۇلاسىنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم.
پاكىزە ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار
ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر توپراقلىرىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ياشىغان، زىيارەتتە بولغان ۋە ئوقۇغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۆپ ھال مۇڭ بولۇشتۇم. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئامېرىكىلىقىلارنىڭ بىزگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، نېمىمىزدىن سۆيۈنۈپ نېمىمىزنى قوبۇل قىلالمىغىنىنى بىلگۈم كېلەتتى. ئۇيغۇر توپراقلىرىدا ياشىغان ئامېركىلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھېدىلىكى خەنسۇچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. يۇرتىمىزغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغان كەچۈرمىشلىرى بار ئېدى. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سېلىشتۈرۈپ پىكىر بايان قىلىشقا ئامراق ئېدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاپ باققان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ سۆيۈنگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكى ئىكەن. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ ئوخشايدىغان تەرىپى دەپ قارايدىكەن.
قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغان بىر ئامېرىكىلىق قىز قەشقەردىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ پاكىزلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قەشقەردە كوچىلارغا ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش مەخسۇس تازلىقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق يالىغاندەك پاكىزە تۇرۇدىغانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن كوچىلارنى سۈپۈرۈپ چىنىدەك قىلىۋېتىشلىرىگە بەكمۇ زوقلىنىدىكەن. ئۇنىڭچە تازىلىقنى، پاكىزلىكنى ئۆرپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇرلاردەك مىللەت ئاز تېپىلىدىكەن. ئامېرىكىدا بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن، چۈنكى كوچا تازىلىقى، كوچىلاردىكى ھاجەتخانىلار، ئەۋرەز يوللىرى قاتارلىقلار جامائەتكە ئورتاق بولغاچقا بۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ سېلىشى، ئىگە بولۇپ تازىلىتىشى، ياسىشى ۋە رېمۇنت قىلدۇرىشى كېرەك ئىكەن.
مەنمۇ ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پاكىزلىكنى، تازىلىقنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرغانلىمىزغا قول قويدۇم ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلەندىم. راست دېگەندەك ئامېرىكىدا تۇرغان چاغلىرىمىزدا پەقەت ئايالىملا ئىشىك ئالدىمىزنى پاكىز سۈپۈرۈپ تۇراتتى. مەن ئايالىمدىن باشقا ھىچ بىر خوشنىمىزنىڭ مەھەللىمىزنى، ئىشىك ئالدىنى تازىلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. قىشلىرى قار ياغقان چاغلاردا مەن قەشقەردە كۆنگەن ئادىتىم بويىچە كوچىمىزدىكى قارنى كۈرەكلەپ قوشنىلار ئۈچۈن يول ئېچىپ قوياتتىم، ھەر قېتىم قار ياغسا مەندىن باشقا ھىچ كىمنىڭ مۇنداق پىدايىلىق قىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن بۇنى بىر ياخشىلىق قىلاي دەپ مەقسەدلىك ئەمەس، بىز كىچىكىمىزدىن شۇنداق قىلىپ ئادەتلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا شۇنداق قىلاتتىم. مەھەللىمىزدە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بارلىقى، بىز قىلمىساقمۇ ھامان شۇلارنىڭ كېلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما بىز "ئەتىگەندە زېمىننىڭ يۈزىنى ئاچسا ساۋاپ بولىدۇ" دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان ئۇيغۇر بولغانلىمىز ئۈچۈن تەبىئىيلا شۇنداق قىلاتتۇق. مەن مەھەللىمىزدىكى قارنى بىرەر قۇر كۈرەكلەپ يول ئېچىۋېتىپ مەكتەپكە كېتىپ كەچلىرى دەرستىن يانسام مەھەللىمىزدىكى قارلار كىملەر تەرىپىدىندۇر توشۇپ كېتىلگەن بولاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى قار ۋاقتىدا تازىلانمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ماشىنىسى جايىغا توڭلاپ قالدى. مەن ماشىنىسى توڭلاپ قالغىچە ساقلىغاننىڭ ئورنىغا قارنى قول قول تازىلىمىغان ئامېرىكىلىقلاردىن ھەيران قالدىم. ئاخىرى قارمۇ تازىلاندى، لېكىن تازىلاش ۋاقتىدا بولمىغاچقا بۇ ئىش مەھەللىمىزنىڭ گېزىتىدە سۈرەتلىك ئېلان قىلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. گېزىتنىڭ كېيىنكى سانىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۆزرەنامىسى ئېلان قىلىندى. مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇم سەۋەبلىك قىلىۋاتقان خالىسانە ئىشلىرىم قوشنىلىرىمىزغا ئالاھىدە بىلىنىپ كەتتىمۇ بىر يىللىق سايلامدا مېنى مەھەللە ھەيئىتى سايلىمىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشتى. سايلامغا قاتنىشىپ بىلدىمكى، ئادەتتە بىزنىڭ تازىلىق قىلىشلىرىمىزغا ھىچ كىم دىققەت قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ھەممىسى خەۋەردار ئىكەن. مەن مەھەللە ھەيئىتى بولۇپ سايلاندىم، كوچىمىزنىڭ گېزىتىگە ئايالىم بالام ئۈچىمىزنىڭ رەسمى بېسىلدى. ئۇيغۇرغا خاس پاكىزلىق ئەنئەنىمىزنىڭ بىزنى يات ئەلدە ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغىنىدىن بەك سۆيۈندۇق.
ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئامېركىلىقلارنى ھەۋەسلەندۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى پاكىزلىقنىڭ جۇدى خانىمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن تەرىپى ئۆزگىچە. جۇدى خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل تازىلىق ئەنەئەنىسى ئۇلاردا تازىلىق بويۇملىرىنى رولىغا ۋە ئورنىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش ئادىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قاچا يۇغان دەستمالدا تۇۋاق ۋە تاماق شىرەلىرى سۈرتۈلمەيدىكەن. غۇلجىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن مەكىس ئۇيغۇر ساتىراچلارنىڭ خېرىدارنىڭ چېچىنى سۈرتكەن لۆڭگىدە يۈزىنى سۈرتمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. شۇندىن بۇيان ئۇيغۇرزېمىنلىرىنىڭ نەرىگە بارسۇن پۇرستە بولسىلا ئۇيغۇر ساتىراچلىرىغا چاچ ياسىتىشنى ئۇنۇتمايدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مەن تونۇيدىغان ئامېرىكلىلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىققا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاشپەزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە قول قويىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى قول يۇيۇشقا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيۇش ئادىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىمەكىك تازىلىقى ھەققىدىكى ھەر قانداق شۈبھىلىرىنى تۈگىتىۋېتەلەيدىكەن.
ئامېرىكىلىقلارمۇ پاكىزلىككە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بەكمۇ سەزگۈر. ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكىنىڭ ياراپ كېتىشى ئۆزلىرىدىكى تازىلىققا بولغان يۈكسەك ئىتىباردىن كەلگەن. ئەگەر ئامېرىكىلىقلاردا پاكىزلىك ئادىتى بولمىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا مىللەتلەرگە قارىغاندا پاكىزلىككە بەكرەك ئىشتىياق باغلىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان بولاتتى. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا مېھمانخانىسى سەل قالايمىقان، ئۆيلىرى سەل رەتسىز ئامېرىكلىقلارنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۆيلىرى مەينەت كىشىلەرنى كۆرمۈدۈم. مەن بارغان ئامېرىكلىقلارنىڭ ئاشخانىسى بىلەن ھاجەتخانىسى ھەر دائىم چىنىدەك پاكىز بولۇپ ئادەمنىڭ قاراپ ئولتۇرغىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلار باشقا ئۆيلەرنىڭ قالايمىقانراق بولۇشنى قوبۇل قىلالىغان بىلەن ھاجەتخانا ۋە مۇنچىسىنىڭ مەينەت ياكى قالايمىقان بولۇشى كۆزىگە سىغمىسا كېرەك. مەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقىدىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانىنى يۇرتىمىزدىكى بەش يۇلتۇزلۇق ھەرقانداق بىر مېھانخانىنىڭ ھوجرىسىدىن پاكىز كۆردۈم. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي ھاجەتخانىلار كۆپ ۋە ھەقسىز بولۇپ قەغەز، سوپۇن، قول سۈرتىدىغان قەغەز لۆڭگە، قول قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسى دېگەنلەر چۆللەردىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ھاجەتخانىلىرىدىمۇ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ھاجەتخانىنىڭ پاكىزلىكىدىن ھەر قېتىم رازىمەنلىك ھىسلىرىغا چۈمۈلگىنىمدە كىمدۇر بىرىنىڭ "بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئاممىۋىي ھاجەتخانىنىڭ تازىلىقىغا قاراپ ئۆلچەش كېرەك" دېگىنى پات- پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ.
كارۋاننىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كىمىچىنىڭ پۇشتى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرقى ۋە ئورتاقلىقى ھەققىدە يېزىلىشى كېرەك بولغان مەزمۇنلار ناھايىتى جىق ئېدى. يازسام پەقەت يېزىپ بولالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغاچقا قەلەمنى توختاتتىم. مەيلى كارۋان ئۇيغۇر بولسۇن ياكى كىمىچى ئامېرىكىلىق بولسۇن ھاياتنىڭ بىر سەپەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىدۇ. ئامېرىكلىلىقلارنىڭ بۇ سەپەرنى زادى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى يۇقاردا يازدىم. ئېنىقكى يازغانلىرىم تولۇق ئەمەس، چۈنكى مەنمۇ پۈتۈنلەي بىلىپ بولالمىدىم. ئەمما ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ سەپەردە پەقەت ۋاقىتلىق قونالغۇلارلا بولىدۇ، مەڭگۈلۈك تۇرالغا بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا باشقىلارمۇ ئۇيغۇرغا ئوخشاش يولۇچى بولۇپ ئۇلاردا ئىگىلىۋېلىشقا، تارتىۋېلىشقا، بۇلىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك ھىچ نېمە بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە پەقەت سەپەر جەريانىدىكى بارنى تەڭ كۆرۈش، يوققا بىرلىكتە قانائەت قىلىشلا ئىنساننى سەپەردىكى مەمنۇنىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇيغۇردا "ئادەم ئادەمگە مېھمان، جان تەنگە مېمان" دېگەن ماقال بار. بۇنىڭدا بىر كارۋان مىللەتنىڭ ئىنسانىي مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ماقالدا ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى جان بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشتۇتۇلغان. دانا بوۋىلىرىمىز توغرا ئېيتقان، ھاياتلىق سەپىرىدە بىز يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلار بىلەن بىر يولدىكى يولۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر بىرىمىز ئۈچۈن تەنمىز، جانمىز ئەمما ئۇيغۇردىن باشقا يەنە كىملەر بۇ ھىكمەتكە ئىشىنىدۇ؟ ئامېرىكىلىقلارمۇ؟مەنچە ياق. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ئىچىدىمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار باردۇر، ئىھتىمال مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بۇنى بىلىشكە قادىر بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.
ئالدىنقى: ئامېرىكىلىقلاردا ھەرىكەت ۋە ھوزۇر