لاتىن يىزىقى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ يىزىقلارنىڭ بىرى.لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان .لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە :لاتىن يىزىقى


ئىنگىلىسچە :Latin alphabet

تۈرى :ھەرىپلىك يىزىق

لاتىن يىزىقى تەھرىرلەش

2پارچەلاتىنلاتىن ھەرپلىرى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەرپ بەلگىسى(قالغان ئىككىسى:خۇاشيا خەنزۇ يېزىقى،ئەرەب رەقىمى)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەرپلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-7-ئەسىرلەردە گېرىتسيە ھەرپلىرىنى Etruscan ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلارنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان ،رىملىقلارنىڭ ھەربى يۈرۈشىنىڭ كېڭىيشىغا ئەگىشىپ ،رىملىقلارنىڭ مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ،غەربى ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان .لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ ،شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تىنىش بەلگىسى يوق ،پەقەت چوڭ ۋە كىچىك يېزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى.كىيىن تەرەققى قىلىپ ،بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن .يەنى G、J、K、V、Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان .ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان .لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك ،چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ ،لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.<<ئىنجىل>>مۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ،ھەمدە خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى،مۇستەملىكىسى تەسىردىن نۆۋەتتە غەربى ياۋروپا،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر،ئوكئانىيە ،ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەكتە .خەنزۇتىلىنىڭ پىنيىنىمۇ مۇشۇ ھەرپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .

لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق.ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ .تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ.دۇنيا تىلمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن .

ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx

كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz

ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(26ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz

تەسىرى تەھرىرلەش

بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەردىن ئاساسلىقى :ئىنگلىزلار،گېرمانلار،فرانسۇزلار،ئىتاليانلار،گوللاندىيىلىكلەر.....بار .لاتىن تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئوخشاش تىل سىستېمىسى ھەمدە ئوخشىمىغان تىل تارمىقىغا كىرىدۇ .ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى لاتىن يېزىقنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىدىن كەلگەن.

ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx

كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz

ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى تەھرىرلەش

(26ھەرپ):

Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz

تەسىرى تەھرىرلەش

بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەردىن ئاساسلىقى :ئىنگلىزلار،گېرمانلار،فرانسۇزلار،ئىتاليانلار،گوللاندىيىلىكلەر.....بار .لاتىن تىلى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئوخشاش تىل سىستېمىسى ھەمدە ئوخشىمىغان تىل تارمىقىغا كىرىدۇ .ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى لاتىن يېزىقنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىدىن كەلگەن.

لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى 20-ئەسىردە لاتىن يىزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ ئەرەب يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا ئىشلىتىلىدۇ.