لودز پولشىنىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لودز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پولشا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى.

لودز
نامى لودز
دۆلىتى پولشا
خەنزۇچە نامى 羅茲
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق كىلماتى
باشقا نامى مەركىزىي شەھەر
ئۆلكىسى لودز ئۆلكىسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تەھرىرلەش

لودز پولشىنىڭ ۋارشاۋا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لودز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پولشا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋىسۋا دەرياسى بىلەن ئۇدىرا دەريا تارماقلىرىنىڭ سۇ بۆلگۈچ رايونىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . لودز 15-ئەسىردىن باشلاپ قۇرۇلغان. 1820-يىلدىن كېيىن توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى راۋانجلىنىشقا باشلىغان.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەھرىرلەش

ھازىر پولشا بويىچىلا ئەمەس ياۋروپا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىلمە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ شۇ خىل مەھسۇلاتلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ستانوك، ئېلېكتر سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيىۋى تالا، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، كاۋچۇك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. لودز پولشىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىنو لېنتىسى ئىشلەپچىقىرىش، كىتاب نەشىر قىلىش مەركىزى. شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان «توقۇمىچىلىق شەھەرلىرى» بىرلىشىپ چوڭ بىر شەھەرنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتاشقان تۆمۈر يول، تاشيوللار بار.