لومبوك بوغۇزى شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ لومبوك ئارىلى بىلەن بالى ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان مۇھىم سۇ يولى.

لومبوك بوغۇزى
ئۇيغۇرچە نامى لومبوك بوغۇزى
كىلىماتى تروپىك مۇسسون كىلىماتى
خەنزۇچە نامى 龍目海峽
چەتئەلچە نامى Lombok Sela
جۇغراپىيەلىك ئورنى ھىندۇنېزىيىنىڭ لومبوك ئارىلى بىلەن بالى ئاراللىرى ئارىسىدا
تەۋە قىتئە ئاسىيا قىتئەسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تەھرىرلەش

لومبوك بوغۇزى شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ لومبوك ئارىلى بىلەن بالى ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان مۇھىم سۇ يولى. بوغۇزنىڭ شىمالىي بالى دېڭىزى بىلەن، جەنۇبى ھندى ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 80.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 1306 مېتىرغا يېتىدۇ. شىمالىي قىسمىنىڭ كەڭلىكى 36 كىلومېتىر، جەنۇبىي قىسمىنىڭ كەڭلىكى 65 كىلومېتىر كېلىدۇ. لومبوك بوغۇزى شەرقىي ئاسىيا بلىەن پېرسىيە قولتۇقى ئارىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش يولى، مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە بولمايدىغان 200 مىڭ توننىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە غايەت زور تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى لومبوك بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بوغۇزدا قاتناشقا توسالغۇ بولىدىغان يوشۇرۇن خادا تاشلار يوق، پاراخوتلار بۇ جايدىن توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ.