پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى لىتىپ توختى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفىسسورى. 1953-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە سابىق بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا باكلاۋېرلىق، 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە  ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا، 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە  يەنە ئامېرىكا ئارلىڭتۇندىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئومۇمى تىلشۇناسلىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1987-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ئامېرىكا سياتىلدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتايشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى بولۇپ ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى 10-ئايدا دوتسېنت ، 2001-يىلى 10-ئايدا پروفېسسور بولۇپ باھالانغان. 2003-يىلى 12-ئايدا دوكتور يېتەكچىسى بولۇپ باھالانغان. 2010-يىلى 10-ئايدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پروفېسسور بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى 5-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر- قازاق- قىرغىز تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 2004-يىلىى 4-ئايدىن 2013-يىلىى 3-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پ ىروفىسسور لىتىپ توختى ئەپەندى دۆلەتلىك ئىجتىمائى پەنلەر فوندى پەنلەر بويىچە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جۇڭگو مىللەتلەر تىللىرى تەتقىقات جەمئىيىتى ئالتايشۇناسلىق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى، خەلقارا قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ئەزاسى، جۇڭگو كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىجىرائىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالى ئۈنۋان باھالاش مۇتەخەسسىسى، مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئېلىش كومىتېتى ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋەزىلەردىمۇ بولغان.

پىروفىسسور لىتىپ توختى ئەپەندى ھازىرغىچە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پايدىلانما گرامماتىكىسى»،  «ئالتاي تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە»، « بىرىكمە قۇرۇلمىسىدىن ئاددى لايىھىگىچە ـــ ئالتاي تىللىرىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسى » قاتارلىق 4 پارچە ئىلمىي ئەسەر، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يادرولۇق ﮊورناللاردا 50 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئەسىرى 1پارچە، ھەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشقان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئەسەرلىرى 5 پارچىگە يېتىدۇ.

پىروفىسسور لىتىپ توختى ئەپەندى تۈزگەن مەملىكەتلىك 9-بەش يىلىلىق ئالىي مەكتەپلەر نۇقتىلىق دەرسلىكى ‹ئالتاي تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە› ناملىق ئەسىرى 2003-يىلى مەملىكەتلىك ئاخبارات- نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىى مەملىكەتلىك ئالتە مىنستىرلىك تەرىپىدىن تارقىتىلغان چەتئەلدە ئوقۇپ قايتقان مۇنەۋۋەر شەخس دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.  لىتىپ توختى تۈزگەن بېيجىڭ شەھەرلىك سەر خىل دەرسلىك تۈرى «بىرىكمە قۇرۇلمىسىدىن ئاددى لايىھىگىچە ـــ ئالتاي تىللىرىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسى» ناملىق ئەسىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇۋەپپەقىيىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇۋەپپەقىيىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى مەملىكەتلىك باۋگاڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يىغىن ئىلمىي ھەيئىتىنىڭ مۇكاپاتلاش پىكىرى  تۆۋەندىكىدەك:

پىروفىسسور، دوكتور لىتىپ توختى خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى تىلشۇناسلىق ئېقىمى بولغان ئاينىتما گىرامماتىكا نەزەرىيەسى ۋە مېتودىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەدبىقلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما تەتقىقاتىنى يېڭى بىر نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى ۋە  ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىنى يېڭى تىلشۇناسلىق مىتودلىرى ئارقىلىق  تېخىمۇ بېيىتتى. يۇقىرىلاردىن باشقا دوكتور لىتىپ توختىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتىكى قابىل تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىك تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن «مۇئەللىم» تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.