لى شى، ئەر، خەنزۇ، 1956- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ لياڭداڭدىن، 1975- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا- سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىر.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  1975- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لياڭداڭ ناھىيەسىنىڭ يۈنپىڭ گۇڭشېسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

  1976- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لياڭداڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت- مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

  1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان.

  1982- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپى بولغان.

  1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەشكىلاتچىسى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىر يۆتكەش- سەپلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەشكىلاتچىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم زىيالىيلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە- ھۆكۈمەت كادىرلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى شىگۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1996- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2004- يىلى 3- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ۋالىي- نازىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2004- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەنئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2007- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە يەنئەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن؛ 2008- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا- سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار سودا- سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  2011- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭگو پۇدۇڭ كادىرلار ئىنستىتۇتى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىنستىتۇتنىڭ 1- مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  17- ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى