ليۇ خې، ئەر، خەنزۇ، 1952- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي چاڭلىدىن، 1969- يىلى 4- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئاممىۋى باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىر، تەتقىقاتچى، پىروفېسسور.

لىيۇ خې
لىۇ خې ئامىرىكا ئەلباشى دونالىد ترامپ بىلەن ئاق سارايدا

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

  1969- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ تاۋنەن ناھىيەسى ۋافاڭ گۇڭشېسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

  1970- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە 38- ئارمىيەسى 112- شىسى زېنىت توپچىلار تۈەنى 57- يىڭ 2- ليەننىڭ جەڭچىسى، مۇئاۋىن بەنجاڭى بولغان.

  1973- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بېيجىڭ سىمسىز رادىيو زاۋۇتىدا ئىشلىگەن، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى، شۇجىسى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى 2- تارماق مەكتىپى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

  1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ كادىرى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى سانائەت ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1992- يىلى 1- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە ئامېرىكا سېتون خول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا- سانائەت ئىنستىتۇتىدا زىيارەتچى ئالىم بولغان).

  1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994- يىلى 7- ئايدىن 1995- يىلى 6- ئايغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئىنستىتۇتنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋە سودا كەسپىدە ئوقۇغان، ئاممىۋى باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

  1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك)، جۇڭگو ئىقتىساد ئۇچۇرى تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2011- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پاتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

  18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى