لۇتفى

(1366 - 1465)

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 15- ئەسىرىدىكى يەتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھەراتتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ "گۇل ۋە نەۋرۇز" ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتىرلىكتۇر. لۇتفىغا نەۋاى "ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى" (سوز پادىشاھى) دەپ نام بەرگەن. لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم.