لۇت قەۋمى (ئەرەبچە: لوط) ياكى سەدۇم قەۋمى، ئىسلام ئىتىقادىچە م.ب. 1900يىللارغا قەدەر ياشىغان بىر قەۋىمدۇر. بۇ قەۋىم ياشىغان يەر ئىسە كۈنىمىزدىكى قىزىل دېڭىزنىڭ ئىئوردانىيە-ئىسرائىلىيە ئارىسىدا لۇت كۆلى ياقىنلىرىدا ئىكەنلىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان. بۇ شەھەرنىڭ، كونا ئەھدتە تىلغا ئېلىنغان «سەدۇم» ئىكەنلىكى مۇتلەقلەشكەن.

لۇت كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 794 مېتر تۆۋەن بولىشى، بۇ رايوندا بىر چۆكۈش يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان ۋاقىئەلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشى ۋە تەۋراتتا «سەدۇم» شەھرىنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئاقىبەتكە دۇچار بولىشى، لۇت قەۋمىنىڭ بۇ يەردە ياشىغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ دەلىلى سۈڧىتىدە كۆرسىتىلمەكتە.

ئىسلامدا لۇت قەۋمى

تەھرىرلەش

قۇرئانغا كۆرە چەكلەنگەن ھەمجىنسلىق قىلمىشى، قۇرئاندا " ئازغۇنلۇق" دەپ قارىلىپ بۇ قەۋىم ئىچرە دەۋاملىق سادىر بولىدىغان بىر قىلمىش ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبەرىلگەن قەۋمنىڭ دائىما ئەركەكلەرى، بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى.

قۇرئانغا كۆرە، بۇ تۈر ئازغۇنلۇق تۇنجى قېتىم بۇ قەۋىم ئىچىدە كۆرۈلگەندۇر. اللە لۇت پەيغەمبەردىن قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ ۋە لۇت پەيغەمبەر خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇدۇ. لېكىن قەۋمى ئۇنى ئىلك ئالمايدۇ. بۇ ۋەجدىن ئاللاھ، لۇت پەيغەمبەرنى ئائىلىسى بىلەن بىللە شەھەردىن ئۇزاقلىشىشىنى، كەينىگە قارىماسلىقىنى، ئايالىنىڭمۇ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە نەتىجىدە ھەزرىتى لۇت پەيغەمبەرنىڭ ئايالىمۇ لۇت قەۋمى بىلەن بىللە ھالاك بولىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش