لەيس ئىبنى سەئد

لەيس ئىبنى سەئد (اللَّيْثُ بنُ سَعْدِ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ الفَهْمِيُّ الْمصْرِيّ): لەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلفەھمىي ئەلقەلقەشەندىي ئەلمىسرىي (ئەبۇل ھارىس). (ھ. 94 – 175 / م. 713 – 791) مۇجتەھىد ئىمام. ئۆز زامانىدىكى مىسىر مۇھەددىسى ۋە فەقىھى، ئەڭ مەشھۇر فىقھ ئىماملىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۆزى ياكى شاگىرتلىرى قاراشلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغاچقا، قاراشلىرى كەڭ تارقالمىغان.