لەغمەن

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى لەڭمەن)

لەغمەن

لەغمەن

لەغمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار لەغمەن ئېتىشكە ناھايىتى ئوستا. لەغمەنگە ناھايىتى ئامراق. لەغمەننىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، چۆپ شەكلى ۋە قۇرۇمىغا قاراپ ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. چۈپ شەكلىگە قاراپ كەسكەن لەغمەن، ئەشكەن لەغمەن، سوزغان لەغمەن قاتارلىقلاربار. قۇرۇما شەكلىگە قاراپ ھەرخىل كۆكتات تۈرلىرىنى ئايرىم قۇرۇپ،لەغمەن ئېتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل كۆكتاتلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇپمۇ لەغمەن ئېتىشكە بولىدۇ. مەخسۇس گۆش قۇرۇمىلىرىنمۇ لەغمەننىڭ قۇرۇمىسى قاتارىدا ئىشلتىشكە بولىدۇ. لەغمەننىڭ ئۇنىنىڭ شەكىلىگە قاراپمۇ گۈرۈچ ئۇنى لەغمىنى ، بۇغداي ئۇنى لەغمىنى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. لەغمەننىڭ ھەرقايسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئېتىش ئۇسۇلى ۋە تەم تەڭشەش ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇلاردىن غۇلجىنىڭ لەغمىنى، قەشقەرنىڭ لەغمىنى، ئاتۇشنىڭ لەغمىنى، يەكەننىڭ لەغمىنى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن. باشقا يۇرتلاردىمۇ ئۆزگىچە لەغمەنلەر بار.