ماخاتما گەندى ۋە باگاۋاد گىتا
ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)
قولۇمدا «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» دېگەن مەنا بىلدۈرىدىغان (Bhagavad Gita) ناملىق ھىندى خەلقىنىڭ بۈيۈك مۇقەددەس كىتاپلىرىدىن بىرى تۇراتتى.
«تەڭرىنىڭ ناخشىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە جەڭگىۋار پالۋان ئارسۇناننىڭ ئىلاھى كىرىشما بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ھېكايە قىلىنغان داستان ئىدى. مانا مۇشۇ داستان ئارقىلىق ھىندىنىزىمنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغلىقىنى، ھىندىنىزىمنىڭ زوراۋانلىققا قارشى پەلسەپىسىنى ۋە ھېكمىتىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى.
ماخاتما گەندى ئۆزى بۇ ئۇلۇغ كىتاپ «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» نى تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تەپسىر يازغان. بۇ كىتاپ 20-ئەسىردە ھىندىستاندىكى ئەڭ يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولغان ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گەندى بۇ كىتاپنى ساپ ۋە ئېنىق بىر تىل بىلەن ئىپادىلەپ ئۆز نۆۋىتىدىكى شۇ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىللەرنى باغلاپ تېخىمۇ يوقىرى سەۋىيەگە كۆتەرگەن.
كىتاپ مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلانغان ئىدى .
«ماخاپخاراتا تارىخ ئەمەس، ماخاپخاراتا دىنى ۋە ئەخلاق مەسىللىرى توغۇرسىدا يېزىلغان بىر ئەسەردۇر. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇرۇش داخارمان (توگرۇلۇق) بىلەن ئادخارما (دېخارماغا قارشى ھەرقانداق نەرسە، مەسىلەن: رەزىللىك) ئوتتۇرسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر كۆرەشتۇر. بەزى چاغدا پەزىلەت رەزىللىك بولۇپ كۆرۈلسە بەزىدە چەكسىز ياخشىلىق كۈچ بىلەن ئەسكىلىك ئارىسىدا بىر ئۇرۇشتۇر، زوراۋانلىق ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلغان ئەسەردۇر…»
بۇ كىتاپتا زوراۋانلىق قەتئىي مەنئىي قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مەن شۇنداق يۈتتۈرۈپ قويغان ئېسىل بىرنەرسەمنى تېپىۋالغاندەك ناھايىتى زور بىر خۇشاللىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم، ھەتتا بۇ كىتاپ مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ئىدىم.
كىتاپتىكى سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى مەن يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەردەك، خۇددى ئۇلار يەنە يوقاپ كېتىدىغاندەك ، ئەنسىرەش ئىچىدە ساپ تۇيغۇلىرىم بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدىم. ئۈزلىكسىز ئوقۇشتىن چارچىغان كۆزلىرىم بىردىنلا مۇنۇ جۈملىلەرگە چۈشتىدە قايتىدىن روھلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا بۇ جۈملىلەر زوراۋانلىق قاپلىغان بۇ قاراڭغۇلىقنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۆز نۇرىنى چېچىۋاتقاندەك قىلاتتى.
«ھەقىقەتكە پەقەت نەپسىمىزگە بولغان باغلاقلىقىنىدىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن رىئايە قىلالايمىز!»
«بۈگۈن بۇ دۇنيانىڭ سىياسىتىدە ھېچبىر ياخشىلىق يوقتۇر، بىرمۇنچە ئەسكىلىك، مەينەتلىك مەھجۇتتۇر، چۈنكى خوشامەتچىلىك، سۇخەنچىلىك ئىنسانلارنى ئاپەتلەردىن قوغدىماي، ئەكسىچە ئاپەتلەرگە يۈزلەندۈردىغان ھاللار مەھجۇتتۇر. ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا روھىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يوقۇتۇپ، ھەم ئۇ ھەم بۇ ئالەملىكىمىزدىن مەھرۇم قالىمىز …
بىردىنلا كۆزئالدىمغا ئۇرۇشنىڭ خانىۋەيرانچىلىقىدىن قېچىپ، يوليوللاردا مۇساپىر بولۇپ، ئۆز ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ يولغا چىققان مۇساپىرلارنىڭ سىماسى نامايەن بولدى.
خۇددى پەرۋانىنىڭ كىچىككىنە بىر ئۈمۈد، كىچىككىنە بىر يورۇقلۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نازۇك بەدىنىنى ئوتتا كۆيىشىگە پەرۋا قىلماي، لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان چىراق ئوتىغا ئۆزىنىڭ يۇمران قاناتلىرىنى ئۇرىشىغا ئوخشاش، مىليونلىغان مۇساپىرلار ئاشۇ كىچىككىنە بىر يورۇقلۇق، بىر بۇردا نان، بىر ئۇچۇم سۇ ۋە ئۆزىنى دالدىغا ئالدىغان بىريەر ئۈچۈن، ھالسىزلانغان بەدەنلىرىگە قوشۇپ كۆتۈرىۋالغان بوۋاق باللىرى بىلەن يولغا چىققان. ئاشۇ بىچارە چارىسىز مۇساپىر ئانىلار كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ئاشۇ ئانىلارنىڭ يىرتىلغان ئىتەكلىرىنى چىڭ تۇتقان، ھالسىزلانغان پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەۋاتقان، پارتىلغان بومبىلارنىڭ دەششەتلىك زەربىسىدىن يۈرەكلىرى بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ قالاي دېگەن. قورقۇش ۋەھىمە ئىچىدە تاتارغان چىرايغا چۆكۈپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىنى ئىنسانلار توپىدىن ئېلىپ قېچىۋاتقان نارسىدە ئۆسمۈرلەر كۆز ئالدىمغا نامايەن بولدى .
ھەممىگە قادىر ئۇلۇق ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى «قاراڭغۇلىقتا» قالمىسۇن دەپ «ۋۇجۇتقا كەل» دەپ 1-بولۇپ يورۇقلۇقنى ياراتقان ئىكەن. ئاندىن دۇنيانى، ئاندىن كېيىن بىز ئىنسانلارنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئىكەن.
بىز ئىنسانلار بىربىرىمىزنىڭ ئۆز ھۇجۇدىمىز پارچىسىدىن كۆپىيىپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئىللىق مۇھەببىتىنىڭ نەتىجىسى بولساقمۇ ئەمما لېكىن ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ باشلىنىشى يەنىلا «ئالداشنىڭ» مەھسۇلى بولغان. يەنە ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا شەيتاننىڭ ھېيلىسىنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار «1-گۇناھ» نى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىنسان تۇيغۇ، ھېسيات بارلىققا كەلگەن، ئىنسان ئۆز ماھىيىتىنى تونۇغان.
شۇندىن مۇقەددەم تا ھازىرغىچە ئىنسانلار ھېيلە-نەيرەڭ، ساختىپەزلىك، كۆرەلمەسلىك، شەخسىيەتچى قابىلنىڭ ھابىلنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا 1-قان تۆكۈلۈپ جىنايەتلەر ئارقا-ئارقىدىن داۋاملىشىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ دۇنيا قان بىلەن بويالماقتا.
ئەجىبا راستىنلا ئىنسانلارنىڭ ئىنسانى ماھىيىتى بولغان «ياخشىلىقتىن» ھايۋانى ماھىيىتى بولغان «ياۋۇزلۇق» ئۈستۈن تۇرامدۇ؟
ياۋۇزلۇق ئۈچۈن قوللانغان ئەقىل-پاراسەت ئىنساننىڭ داۋاملىق ياتلىشىپ بېرىشىغا يول باشلىغۇچى ئېزىتقۇغا ئايلانغانمۇ؟
ئۆز تارىخمىزدىكى پادىشاھلارنىڭ ھوقوق ، ئىقتىدار تالىشىپ بىر-بىرلىرىنى ئۆلتىرىشى (مەسىلەن: قاراخانىلار دەۋرىدىكى مۇھەممەت بۇغراخان بىلەن ئۆز ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەخىت تالىشىپ قانلىق جەڭ قىلىشى، گەرچە مۇھەممەت بۇغراخان غەلبە قىلىپ ھوقوق تۇتقان بولسىمۇ ئاخىرىدا ئۆز ئوغلى ھۈسەيىن (مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دادىسى) بىلەن ئوردا ئىچىدە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن) …
چىڭگىزخاننىڭ يەريۈزىدە كۆك يۈزىدىكى «قۇياشتەك پارلايمەن» دەپ پۈتۈن ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانى ئۆز ئاتلىرىنىڭ قانلىق تۇياقلىرى بىلەن پېتىقلاش …
ئاپپاق غوجىنىڭ ئۆز ئەمەلىي كۈچى ئۈچۈن ۋەتەننى مۇنقەرزگە بوغۇشى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن مەرىپەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى …
ئوسمانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ، سەلتەنەتى ئۈچۈن ئۆز قېنى جېنىدىن بولغان ئەۋلادلىرىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ئېمپىراتورلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ئۇرۇشلار .
تاجاۋۇزچى زوزوڭتاڭنىڭ ئانا دىيارىمىزنى قانغا بويىشى.
1-2-دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلىشى.
ھازىرقى ئۇرۇشلاردا بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ، كىچىك بوۋاقلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان ئاق دېڭىز، قارا دېڭىز ، قىزىل دېڭىزلار.
چۆل باياۋانلاردىكى ئىنسان سۆڭەكلىرى بىلەن ھاسىل بولغان تۆپىلىكلەر، ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن، ماكانسىزلىقتىن نەلەرگە بېرىپ ماكانلىشىشىنى بىلمەي نىشانسىز يولغا چىققان مىليونلىغان مۇساپىرلار.
رەھىمسىز قەھرىتان قىشنىڭ كېلىش ھارپىسدا كۆك يۈزىنى دالدا قىلىپ ، ئاشۇ تىتىلىپ، چۇۋۇلۇپ كەتكەن چىدىلاردا ياتقان مىليونلارچە ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنىڭ ئاھۇ-زارلىرى…
ياۋرۇپادىكى پارتىلغان بومبىلار، ئېتىلغان ئوقلارنىڭ سەۋەبىدىن بىگۇناھ ئۆلگەن ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئاھۇ-زارلىرى ۋە نەلەردىندۇر بىز خەۋەرسىز قالغان زۇلۇملار، بۇ زۇلۇملارنىڭ دەستىدىن ئۆلگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قانلىرى، نالى پەرياتلىرى …
كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى.
دىمەك ئۇلۇغ ئاللاھ ھەزرىتى ئىبراھىمغا قوشقار ئىۋەتتىم، مەقسەت بىلەن ۋاستىنىڭ چېكىنى ئايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسان ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئۇلۇغ» لۇقى ئۈچۈن ياۋۇزلۇقتىن ئىبرەت بولغان ھايۋانى ماھىيىتى داۋاملىق بۇدۇنيادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلمەكتە.
ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا يول باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىزنى ئىۋەرتىش ئارقىلىق بىزنى ئۆزىنىڭ نىزاملىرىغا بويسۇنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىز ئىنسانلار داۋاملىق يەنە شۇ «1-گۇناھ» نىڭ سەۋەبى بولغان «ئالدىنىش» بىلەن داۋاملىق گۇناھ قىلىپ، شەيتاننىڭ يولىنى تۇتۇپ، بۇ گۈزەل دۇنيانى دوزاققا ئايلاندۇرۋاتىمىز.
مەن ئەنە ئاشۇنداق «ياخشىلىق» تەپەككۈرلىرى ئىچىدە ئىنسانلىقنى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى تۇردىغان «بىھاگاۋا گىتا» ناملىق كىتاپنى قولۇمدىن بىرسى كېلىپ تارتىۋېلىشىدىن قورققاندەك چىڭ تۇتۇپ تارتتىم.
كىتاپنى يەنە ئوقۇشقا باشلىدىم، ھەربىر زوراۋانلىققا قارشى سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ خۇددى قېچىپ كېتىدىغاندەك، ھېلىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئەنسىرەش تۇيغۇلىرى ئىچىدە خاتىرەمگە بىربىرلەپ خۇددى ئۆزەمنىڭ سۆزلىرىدەك قىلىپ كۆچۈرۈشكە باشلىدىم. چۈنكى مېنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمدا، پۈتۈن تەپەككۈرۈمدە ۋە ھەتتا پۈتۈن بەدىنىمدە ھەرتۈرلۈك زوراۋانلىققا قارشى بىر ئۇقۇمنىڭ تۆۋەلمىسى يىتىلىۋاتاتتى.
مەن بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن قان تۆكىلىشنىڭ سەۋەبى ، مۇشۇ ئاتالمىش «گۈزەل» تەرتىپلىرىنى قۇرغان ئاشۇ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ؛ رادىكال شەخسىيەتچىلىكىدىن، ئاچكۆزلىكىدىن كىلىپ چىققان ئارزۇ-ئىستەكلىرى، مۇددۇئالىرى ۋە كىبىرلىك دەپدەبىلىرى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھايۋانى تەبىئىتى بولغان زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىش سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارايمەن.
ھەقىقەتەن گۈزەل بىر دۇنيا قاراش ئۈچۈن نىمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيتى بولغان«ياخشىلىق ، مۇھەببەت»نى قوللىمايدۇ؟
ئەسلىدە بۇ دۇنيا پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان ئىدىغۇ؟
ماددىي جەھەتتىكى زوقلىنىش ھەقىقەتەن روھتىن ئۈستىن تۇرامدۇ؟
پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد قىلۋاتقان دىنلىرىدا، مۇقەددەس كىتاپلىرىدا روھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تەرغىپ قىلاتتىغۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل روھلار يەردە خارلىنامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ماددىنى دەپ روھنى قارلىتىمىزمۇ؟
نىمە دەپ بۇ گۈزەل دۇنيانى ئۆز قېنىمىز بىلەن بۇلغايمىز؟ھ
ئۆز ۋاقتىدا ھابىل ئاكىسى قابىلغا مۇنداق دىگەنتىغۇ:«ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن. مەن ھەقىقەتەن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن.
بۇ دۇنيادا قابىللار نىمە دىگەن تولا. ئۇلار نىمانداق كۈچلۈك ؟ راستىنلا تەۋراتتا دىيىلگەندەك قابىلنى كىشىلەر ئۆلتۈرۈشكە پېتىنالمامدۇ؟ قابىلنىڭ پىشانىسىدە راستىنلا ئاللاھ سالغان بەلگە بارمۇ؟
ئادالەت بۇ دۇنيادا راستىنلا شۇنداق ئاجىزمۇ ؟
مەن مۇشۇ سۆزلەرنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر يولغا چىقتىم. بەلكى بۇ سوئاللارغا ھاياتىم بويىچە جاۋاپ تاپالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما مەن يەنىلا ئاجىز مەزلۇملار تەرىپىدە، سۆيگۈ مۇھەببەت تەرىپىدە، چۈنكى مەن ئۆزەممۇ ئاجىز بىر مەزلۇم، ئاللاھنىڭ ئاجىز بىر قۇلىمەن.
لەنەت بولسۇن قابىللارغا
مەن يەنىلا كىتاپنى ئوقۇشنى باشلىدىم ۋە داۋاملىق خاتىرلەۋاتىمەن.
زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلمايدىغان «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» ناملىق كىتاپقا ئەڭ ياخشى تەسۋىر يازغان ۋە پۈتۈن ئىلمىي ئىشھەرىكەتلىرىدە ۋە سىياسىي كۆرەشلىرىدە بۇ كىتاپنى قىبلەنامە قىلغان بۇ مۇبارەك زات گەندىنىڭ ھاياتىغىمۇ قىززىقىپ قالدىم.
گەندى (1869- 1948) بولسا ھىندىستان خەلقىنىڭ ۋە ھىندىستان مۇستەقىلىقى ھەركىتىنىڭ سىياسى ۋە روھىي داھىيسى.
گەندى ھەم ئابدۇلكەنىت ، ئۇستاز ۋە سوفى ۋە ئەسكىلىككە قارشى ئاكتىپ ئەمما زوراۋانلىق ئىشلەتمەي قارشى تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان
Satyagraha پەلسەپىسنىڭ ئۇستازىدۇر«مەن ئوقۇۋاتقان بۇ تەڭرىنىڭ ناخشىسى ناملىق كىتاپ ئاساسىدىكى ھىندى پەلسەپىسى».
گەندى بولسا يەنە ھىندىستاندا ۋە دۇنيادا توغرا تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە ئۇلۇغ روھ مەنىسىدە (Mahatma) ۋە ئاتا مەنىسىدە قىلغان (Bapu) دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
گەندى ھىندىستاندا رەسمىي ھىندى خەلقىنىڭ ئاتىسى دەپ تونۇلغان، ۋە تۇغۇلغان كۈننى (10-ئاينىڭ 2-كۈنى) رەسمىي تەتىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
شۇنىڭدەك يەنە 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى گەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى «دۇنيا زوراۋانلىق چەكلەنگەن كۈن» قىلىپ ئېلان قىلغان.
گەندى 1869-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر سودىگەر ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. 12 ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ھىندى قائىدىلىرى بويىچە توي قىلغان. 19 ياشقا كىرەي دىگەندە يەنى 1888-يىلى 9- ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئادۋۇكانىت بولۇش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە بېرىپ لوندون ئۇنۋېرسىتىتى قانۇن كەسپىگە كىرگەن. بۇ بۈيۈك ئېمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختى لوندوندىكى چاغلىرىدا گۆش، ھاراق ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۇزاق تۇرۇشتەك ھىندى دىنىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلاردا ئاپىسغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە چىڭ تۇرغان دەرسخانىلاردا ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئارقىلىق غەربنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ لېكىن ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ ئىگىسى تەرىپىدىن قوي گۆشى بىلەن مەززىلىك قىلىپ پىشۇرۇلغان تاماقلارغا زىنھار ئېغىز تەگمىگەن . يالغۇز ئانىسىنىڭ دىگەنلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە گۆشسىز يېمەكلىكلەر توغۇرسىدا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا پەلسەپىۋى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، يىتىشتۈرگەن. گۆش يىمەسلىك ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ تەشكىلاتلاردا ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭ بىلەنلا قاناتلىنىپ قالماي يەنە ئۆز ئالدىغا بىر شۆبە تەشكىلاتمۇ قۇرۇۋالغان، بۇنىڭ بىلەن تەشكىلاتچانلىق جەھەتتىكى قابىلىيەتلىرىنى يىتىلدۈرگەن. شۇ چاغلاردا 1875-يىلى قۇرۇلغان بۇددىس ۋە ھىندى ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان (Teosifi) ناملىق تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ ئۇلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىرىنجى قېتىم «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» (Bhagavad Gita) ناملىق ئەسەر بىلەن يۈز كۆرىشىشكە مۇيەسسەر بولغان.
گەندى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي يەنە ھىندىنىزىم، خىرىستىيان، بۇددىنىزىم، ئىسلام، يەھۇدى، دىنلىرىغا ئائىت پۈتۈن مۇقەددەس كىتاپلارنى بىربىرلەپ ئوقۇپ چىققان.
ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ ئادۋۇكانتلىق قىلغان بولسىمۇ ئىشلىرى تازا يۈرۈشمىگەن. 1893-يىلى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر شېركىتىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، ئافرىقىغا سەپەر قىلغان.
گەندى جەنۇبىي ئافرىقىدا ھىندى يانلانما ئىشچىلىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىق ۋە ئېرقىي كەمسىتىشىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆزىمۇ بۇ كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان.
بۇنىڭ بىر مىسالى: ئۆزى بىر قېتىملىق پويىز سەپىرىدە قولىدا 1-دەرىجىلىك ۋاگوننىڭ بېلىتى تۇرسىمۇ 3- دەرىجىلىك ۋاگونغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلانغان، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغان گەندىنى قولتۇقىدىن كۆتۈرۈپ پويىزدىن تاشلىۋەتكەن. بۇ سەۋەپلىك گەندى سەپىرىنى بىر ئات ھارۋىسى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
يەنە بىر قېتىم يولۇچىلار ئابتۇبۇسىدا، بىر ئاق تەنلىك ياشقا ئورۇن بوشاتمىدىڭ دەپ، ئاق تەنلىكلەردىن تاياق يىگەن يەنە نۇرغۇن سەپەرلىرىدە مېھمانخانىلاردا كەمسىتىشكە ئۇچراپ مېھمانخانىدا ياتالماي، كۆك ئاسماننى دالدا قىلىپ دالىلاردا تاڭنى ئاتقۇزغان.
مانا مۇشۇنىڭدەك بىر قاتار ئېرقىي كەمسىتىشلەر سەۋەبىدىن ئۆز ئالدىغا بۇ ئادالەتسىزلىككە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپ، 1894-يىلى «ناتال ھىندى قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ تەشكىلات ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىكىدىكى ھىندىلارنى ئومومىي بىر سىياسىي كۈچنىڭ ئاستىغا يىغقان.
1906-يىلىدىن باشلاپ جوھانىسبۇرگ شەھرىدە 1-بولۇپ ئۆزى ئۆگەنگەن ۋە ئۆز قولى بىلەن تەرجىمە قىلغان «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» (Bhagavad Gita) نىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پاسسف قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
بۇ ئەركىنلىك ھىندى مىللىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، پاكىز ۋە توغرا بىر ھايات قارشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ بىريەرگە جەم قىلىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
زوراۋانلىق ،ناھەقچىلىق ۋە يالغانچىلىق ئوخشاش بىر ئەسكىلىك دەپ بىلىپ، ھەقىقىي بىر يول تېپىشىنىڭ يالغۇز يولى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ زوراۋانلىق قىلماسلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەندى زالىملارغا قارشى كۆرەشتە ئۈچ قورالنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
1. ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىگى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىللە بولۇش، بىللە ئىشلەش.
2. دۈشمەنلەرگە زۇلۇم قىلماسلىق ۋە جىسمانىي جەھەتتىن دەخلى-تەۋرۇز قىلماسلىق. ئەگەر زالىملارغا قارشى زالىملىق قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇلار بىلەن پەررقنى قالمايدىغانلىقى، شۇڭا ھەرتۈرلۈك ۋەششىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش.
3. رەقىپلەرگە زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنسانىي ياردەم قوللىرىنى سۇنۇش. (ئافرىقا ھىندى خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى قىلۋاتقاندا، ۋابا كېسىلى تارقىلىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا گەندى پۈتۈن كۆرەشلىرىنى توختىتىپ ، قارشى تەرەپتىكىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى سەپەرۋەرلەندۈرىدۇ.)
ئۈزلۈكسىز 7يىل پاسسىپ قارشى تۇرۇش كۆرەش جەريانىدا ئىش تاشلاش، تىنىچلىق بىلەن نامايىش قىلىش، ئاچلىق ئېلان قىلشىتەك ئۇسۇللاردىكى قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلگەن ، مىڭلىغان ئىنسانلار تۈرمىلەرگە تاشلانغان،ھەرخىل قىيىن قىستاقلارغا ئۇچراپ ئېغىر تەن جازالىرى بىلەن خارلانغان. ئەمما ھۆكۈمەت قانچىلىك قىلىپ بولسىمۇ بۇ قارشى تۇرۇش ھەركەتلىرى جىمىقتۇرالمىغان.ئاخىرى ئاشۇ چاغدىكى قارشى تەرەپتىكى گېنرال مۇنداق دېگەن :«ھىندىلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيمەن.ئەمما سىلەرگە قارشى ئامالسىزمەن.بىز سىلەرنى شۇنداق قاتتىق باشقۇرساقمۇ، لېكىن بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سىلەر بىزگە ياردەم قىلۋاتىسىلەر، ئەمدى سىلەرگە قانداقمۇ قورال ئىشلىتەلەيمىز. سىلەر بىزگە قارشى قوراللىق بىر كۈچ ئىشلەتكەن بولساڭلار،سىلەرنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى ئوبدان بىلەتتۇق. لېكىن سىلەر ئۆز دۈشمىنىڭلارغىمۇ زىنھار مۇش ئاتمايسىلەر. ئۆزەڭلەر ئازاپلىنىش ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشمەكچى بولۋاتىسىلەر، مۇشۇ ئىشلار سەۋەپلىك ئالدىڭلاردا چارىسىز قېلىۋاتىمىز».
گەندىنىڭ بۇ پاسسىپ قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى جەنۇبىي ئافرىقىدا غەلبىگە ئېرىشكەن. مانا مۇشۇ كۆرەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى پىشىپ يىتىلىپ، پاسىسىپ قارشى تۇرۇش پەلسەپىسى تاكامۇللاشقان. شۇنىڭ بىلەن گەندى بۇ ئۇسۇلنى ئۆز ئانا ۋەتىنى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلغان . 1915-يىللىرىدا ھىندىستانغا قايتىدۇ. ئۇ چاغدا ھىندىستان ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىدە ئىدى .
1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش بەدىلىگە 985 مىڭ ھىندى ئەسكىرى ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، زور بەدەل تۆلىدى. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگىلىيە ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ ھەمدە، ھىندى خەلقى ئۈستىدىن زۇلۇملارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى.دەل مانا مۇشۇ چاغلاردا يەنى 19819-يىلى گەندى ھىندىستان ئەركىنلىك ھەركىتىنىڭ يول باشچىسى بولدى.
بۇنىڭ بىلەن گەندى ئۆز پەلسەپىسنى شەرھىيلەپ« ھىندىستاندا قان تۆكۈلمەيدۇ، ئەمما ھىندىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ. ھەرتۈرلۈك ئىش ۋە پائالىيەتلەر مەملىكەت مىقياسىدا ئومومى يۈزلۈك باشلىنىدۇ. پەقەت قول ھۈنەرۋەنچىلىككىلا تايىنىپ ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئارقىلىق ھايات داۋاملىشىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.
1924-يىلى گەندى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ تۈرمىگە قامالدى. شۇ چاغدىكى ھىندىستان ۋالىسى گەندىنى ئەمدى بۇ ئۆلىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلىمىز دەپ ئويلاپ تۈرمىدىن چىقىرىۋەتتى. ئەمما گەندىدىكى يۈكسەك مەنىۋى قۇۋۋەت ئۇنىڭ ئاجىز بەدىنىنى ساقلاپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن يەنە گەندىگە ئەگىشىدىغان ياشلاپ ھەسسىلەپ كۆپەيدى. مەنە مۇشۇ چاغدا گەندى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايقۇت ھەركىتىنى باشلىدى. گەندى يەنە تۈرمىگە تاشلاندى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، 30-40يىللارغا كەلگەندە يەنە تۈرمىگە تاشلاندى.لېكىن ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەي،ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن پاسسىپ قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىگە سۆيگۈ بىلەن ھۇجۇملىرىغا شەپقەتلىك بىلەن قارشى تۇردى.
دۈشمەنلىرى مۇشۇنداق ئەھۋالدا نىمە قىلىشىنى بىلمەي، تېڭىرقاپ قالىدۇ، چۈنكى ئالدىدا تۇرغان كۆرەش ئۇسۇلى يېپيېڭى بىر كۆرەش ئۇسۇلى ئىدى.
ئاخىرى 1947-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ھېچقانداق بىر غەلبە ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدۇ. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنسان ئۇنىڭغا لايىق بولۇش لازىم. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىنى ئالدى بىلەن خىيال قىلىشىمىز، نىشاننى توغرا بەلگىلىشىمىز، بۇ نىشان مەقسەت ئۈچۈن ئۈمۈدكە تولغان يۈرەك بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز لازىم. بۇ يولدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا ھەرگىز باش ئەگمەسلىكىمىز. ھۇرۇنلۇق كالۋالىق بىلەن ئەمەس بەلكى تىرىشچانلىق، چېچەنلىك بىلەن كۆرەش قىلىش ئىرادىسىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.
گەندى 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى دالخىدىكى باغچىدا كېچە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ھىندى رادىكالى بولغان بىر ياش تەرىپىدىن ئۇچ پاي ئوق ئېتىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدى. ئەينى چاغدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسدا ئۇرۇش پارتىلايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھىندىستان تەرەپتىكى مۇسۇلمانلار مەجبۇرىي دىگۈدەك پاكىستانغا كۆچۈرۈلگەن ئىدى. بۇ مۇشۇنداق بىر ئېچىنىشلىق بىر ئاقىۋەتتە، گەندى ئەمدىلا مۇستەقىل بولغان دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ئوتىدا قالماسلىقى ئۈچۈن ھىندىستان پارلامېنتىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي 550 مىليون رۇبلى پاكىستانغا تۆلەشنى قارار قىلغان ۋە تۆلىگەن ئىدى. مۇشۇ قارارغا قارشى تۇرغان كۈچلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ پىرىزىنتى نېخرۇ ئۆزىنىڭ رادىئو تەزىيە نۇتۇقىدا مۇنداق سۆزلىگەن ئىدى:«دوسلار، يولداشلار يورۇقلۇق بىزنى تاشلاپ كەتتى ۋە ھەريەرلەر قاراڭغۇلۇققا قاپلىدى. سىلەرگە نىمە دىيىشىمنى ۋە قانداق سۆزلىشىمنى بىلمەيمەن. سۆيۈملۈك داھىيىمىز باپۇ دۆلەتنىڭ ئەتىسى ئەمدى يوق . مۇنداق دىمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئەمما شۇنچە يىللاردىن بېرى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنى كۆرەلمەيمىز، مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلاش تەستىقلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايمىز. بۇپەقەت مېنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ دۆلىتىمىزدىكى مىليونلارچە ئىنسانلار ئۈچۈن مىليونلارچە بىر زەربە».
ماخاتما گەندى ھىندىستاننى مۇستەقىللىقكە ئېرىشتۈرۈپ قالماي يەنە ھىندى خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تىنىچلىق پەرۋەر ئىنسانلارغا تېنىچلىق ئۈلگىسىنى تىكلىدى ۋە ئاجايىپ ھېكمەتكە تولغان سۆزلەرنى قالدۇرۇپ ۋە قولۇمدا تۇرغان «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» (Bhagavad Gita) ناملىق كىتاپ ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
گەندى بۇ كىتاپ توغۇرسىدا مۇنداق دېگەن : گۇمانلار ئىچىدە قىينالغان، ئۈمۈدسىزلىككە تولغان ۋە قاراڭغۇلۇق قاپلىغان يوللىرىمىزنى بىر يورۇقلۇقنى كۆرەلمىگەن ئاشۇ كۈنلىرىمىزدە، قولۇمغا «تەڭرىنىڭ ناخشىسى» (Bhagavad Gita) نى ئېلىپ بەتلىرىنى ئاچقان چاغلىرىمدا ھەرۋاقىت ماڭا تەسەللى بەرگەن ئۈمۈدكە باشلىغان بىر بىيىتنى ئوقۇغۇم ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىغان ئاشۇ دەرتلەرگە قارىماي يۈزۈمدە كۈلكىنىڭ جۇلالىسىنى كۆردۈم.
ماخاتما گەندى ھېكمەتلىك سۆزلىردىن ئۈزۈندىلەر:
ھەقسىزلىككە بېقىنىپ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزەڭگە قاراتقىنىڭدىن ،ئادالەت يولىدا يالغۇز قالغىنىڭ ئەۋزەل.
ئاددىي ياشىغىنكى باشقا نەرسىلەرمۇ سەندە بار بولسۇن
ئالتۇن كىشەنلەر، تۆمۈر كىشەنلەر تېخىمۇ ئەسكىدۇر
ئادالەتسىزلىكنى ئادالەت بىلەن يىمىرىپ تاشلاپ، چاۋاك چالغانلار ئالدىغا قان يۇقىسىز قوللىرىڭلار بىلەن چىقىڭلار.
كۈچسىز ئىنسانلار كەچۈرۈشنى بىلمەيدۇ، كەچۈرۋېتىش پەقەت كۈچلۈكلەرگە خاس بىر ھالەتتۇر.
شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ كۆزى كوردۇر.
«قانغا –قان، جانغا-جان» دىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلۋېتىدۇ.
ھەقىقەت بەزىدە تاشتەك قاتتىق، بەزىدە مامۇقتەك يۇمشاق.
ھەقىقىي كۈچ سېنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچۈڭدىن كەلمەيدۇ، بەلكى بويۇن ئەگمەس ئىرادەڭدىن كېلىدۇ.
تەرتىپلىك، پاكىز ۋە شەرەپلىك بىرسى بولۇشتا پۇلنىڭ ھېچ بىر رولى يوقتۇر.
بىر مىللەتنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىك، ۋە مۇستەقىللىق شەرت.
ھېچكىمنىڭ پاسكىنا پۇتلىرى بىلەن ئۆيۈمدە يۈرۈشىگە يول قويمايمەن.
ئۆزىمىزدىن يىراق تۇتىدىغان نەرسىلەر:
ئاساسسىز سىياسەت، ۋىجداننى بۇلغايدىغان كۆڭۈل ئېچىشلار، ئەجىرسىز بايلىق، ئۆزىنى بىلىملىك ئىنسانلار دەپ خاراكتىرسىز يۈرۈيدىغانلار، ئەخلاقسىز بىر تىجارەت دۇنياسى، ئىنسان سۆيگىسىنى ئاياق-ئاستى قىلدىغان ئاتالمىش بىلىملەر، دىنغا ئەقىل پاراسەت بىلەن ساداقەت كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر.
ئەگەر ھەقىقىي ئاڭلايدىغان بىر قۇلاققا ئىگە بولساڭ، تەڭرى بىزگە ئۆز تىلى بىلەن نىدا قىلىدۇ.
يەرنى ئاغدۇرۇپ ئۇنى تېرىمىسەك، ئۆزىمىزنى ئۇنۇتتۇق دېمەكتۇر.
ئەركىنلىك ھېچبىر زامان ھەر ئويلىغىنىمىزنى قىلىمەن دىگەنلىك ئەمەستۇر.
دىنلار ئەسلىدە ئوخشاش بىر نۇقتىدا كېسىشكەن، پەرىقلىق يوللاردۇر، ئوخشاش بىر نۇقتىغا يىتىشىمىز دەيدىكەنمىز نىمىشقا ياتلىشىمىز .
بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھالەت قانداق بولسا، بۇ كائىناتنىڭ ھالىتىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭغا بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكىنى يۈكلەشكە ھازىر بولىشىمىز لازىم.
ئىنسانلار باشقىلارغا ئەسكىلىك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلمىسۇن. ئىنسانلارنى بىر كاچات ئۈچۈن ئىككى كاچات ئۇرۇش ھەققىڭ يوق.
بىر ئىنساننىڭ ئىچىنى ئىلىمنىڭ نۇرى قاپلاپ، جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئېلىمنىڭ نۇرى يورۇتقاندا، تەڭرىنىڭ مۇبارەك نۇرى ئۇنىڭغا كۆرىنىدۇ.
ئالتۇن، كۆمۈش، ئالماس ياقۇتلار ھەممىسى ئەسلىدە تۇپراقتىن كەلگەندۇر، ئەمما ھېچ بىرىنىڭ قىممىتى يوقتۇر . ھەربىرى توزىغان تۇپراقتىن ئىبرەتتۇر. ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلغان چاغدا پۈتۈن بۇلارغا ئەنە ئاشۇنداق قارايمىز.
ھەددىدىن زىيادە تاماق يىگەن ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۇخلىغان كىشى بۇ دۇنيادا ھېچ بىر ئىشتا غەلبە قىلالمايدۇ.
ھەرتۈرلۈك ئارزۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىلىمدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار پەقەت دۇنيانىلا كۆرىدۇ، ئەمما دۇنيادا يوشۇرۇن بار بولغان تەڭرىنى كۆرەلمەيدۇ.
ھەقىقەت مەڭگۈلۈك بولسا، ئۇ ھالدا يالغانچىلىقمۇ شۇنداق. شۇنىڭغا ئوخشاش نۇر مەڭگۈلۈك بولسا، قاراڭغۇلۇقمۇ شۇنداق. ئەمما بىزلەر پەقەت مەڭگۈلۈك بولغان مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى باغرىمىزغا باسالايمىز.
دۇنيانى قانداق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزەڭمۇ شۇنداق بول.
قوللىرىنى قان بىلەن بويىغانلار، ھېچقانداق ۋىجدان ئازابى تارتىشنى بىلمەيدىغانلاردۇر.
ئەگەر بىر ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇخلاۋاتقان بولسا، ئۇنى ئۇيغۇتۇش مۇمكىندۇر، ئەگەر ئۇ يالغاندىن ئۇخلىۋالغان بولسا، پۈتۈن كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇنى ئويغىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.
بۇ دۇنيادا شۇنداق ئاچ ئىنسانلار باركى، ھەتتا تەڭرىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىرپارچە نان شەكلىدە كۆرىنىدۇ.
سۆيگۈ ئىنسانلارغا، ۋەششىلىك ھايۋانلارغا خاستۇر.
سۆيگۈ باريەردە ھاياتلىق بار بولىدۇ.
تۈگۈلگەن مۇشلار بىلەن قول ئېلىشمايمەن.
زوراۋانلىق قىلماسلىق مېنىڭ ئېتىقادىمنىڭ بىرىنجى ماددىسىدۇر. ئۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدۇر.
بۇ دۇنيادا ۋىجدانىمدىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقمايمەن.
پىكىرلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. ھېس تۇيغۇلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئىش ھەركىتىڭلەردە ئىپادىلىنىپ قالمىسۇن.ئادەتلىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.قەدىرلىك نەرسىلىرىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار مىجەز – خاراكتىرىڭلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن. مىجەز-خاراكتىرىڭلەرگە دىققەت قىلىڭلار، تەغتىرەڭلەرنى بەلگىلەر قويمىسۇن.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، گېرمانىيە
مەنبەلەر
تەھرىرلەشمەنبە: باغداش تورى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى