مارتىن لۇتېر رەھبەرلىكىدىكى دىن ئىسلاھاتى
مىلادىيە16 - ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ كۆلەملىك دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى پارتلىغان. بۇ ھەرىكەت گېرمانىيىدە پارتلىغان بولۇپ، ھەرىكەتنىڭ قوزغاتقۇچىسى ۋە رەھبىرى مارتىن لۇتېردۇر.
ئوتتۇرا ئەسىردە دىنىي جەمئىيەتلەر بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىپ، چىرىكلىشىپ كەتكەن. 13 - ئەسىردە فرانسىيىنىڭ لىئون شەھىرى ئەتراپىدا باش ئېپىسكوپ سوتى تۆت چوڭ دار ياساپ، دائىم دېگۈدەك ھەربىر قېتىمدا بىراقلا12 ئادەمنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپ تۇرغان. بولۇپمۇ، 1220 - يىلى، پاپا ھونورىئو Ⅲ نىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئاتالمىش بىدئەتچىلەرنى سوتلاش ئورنى مەخسۇس فېئوداللىق ھاكىمىيەتكە پايدىسىز دەپ قارالغانلىكى كىشىلەرنى باستۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ قالغان. سېسىق نامى پۇر كەتكەن بۇ سوتخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسپانىيىدە300 يىلدا340 مىڭ ئادەم كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، پەقەت رىمدىلا150 يىلدا30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. روھانىيلار قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، يەر ۋە باشقا مال - مۈلۈكلەرنى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋالغان، قىز - ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغان، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان. دىنىي جەمئىيەتلەر ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، ۋاتىكان «پۈتۈن دۇنيانىڭ سېسىق سۇ جىلغىسى» دېگەن ئاتاققا قالغان. 1515 - يىلى، رىم پاپىسى مۇرىتلارغا كۆپلەپ «گۇناھتىن ساقىت قىلىش بېلىتى» سېتىپ، ئۇنى سېتىۋالغانلارنىڭ تىرىكلىكىدە گۇناھتىن ساقىت بولىدىغانلىقى، ئۆلگەندە بولسا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭدىن قىلىنغان كىرىمنىڭ يېرىمى ئېپىسكوپقا تەۋە بولغان، قالغان يېرىمى پاپىغا تاپشۇرۇلۇپ، چېركاۋنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. 1517
- يىلى مارتىن لۇتېر «95 ماددىلىق پروگرامما» نى ئېلان قىلىپ، گۇناھتىن ساقىت قىلىش بېلىتى سېتىش قىلمىشىغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ھەم خەلققە ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ھەم ئېغىر روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ تەشەببۇسى نۇرغۇن مۇرىتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
«95 ماددىلىق پروگرامما» دا دىنىي جەمئىيەتنىڭ دىنىي مۇرىتلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتەك ماھىيىتى ئېچىپ تاشلانغاچقا، ئۇ شۇ ھامان پاپىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. پاپا ئالدى بىلەن مارتىن لۇتېرنى بىدئەت دەپ جاكارلىغان ھەمدە1520 - يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن60 كۈن ئىچىدە گۇناھىنى ئاشكارا تىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، مارتىن لۇتېر بۇنىڭغا تىز پۈكمەي، يەنە دىننى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە خىتابنامە يازغان ھەمدە پاپىنىڭ پەرمانى بىلەن دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەھكاملىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. لېكىن، مارتىن لۇتېر باشتىن - ئاخىر تىنچ يول بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشىغا قارشى تۇرغان. ئىدىيىنىڭ قاپقىقى ئېچىلىپلا كەتسە، ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. 1524 - يىلى يازدا، گېرمانىيىنىڭ خېسسىن رايونىدا فېئوداللىق ھاكىمىيەتكە قارشى دېھقانلار ئۇرۇشلىرى پارتلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى چوڭراق بولغىنى تۇرىنگېر دېھقانلىرىنىڭ ميۇنزېر رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلىڭى بولۇپ، پۈتكۈل گېرمانىيىنى دېگۈدەك قاپلىغان.
مارتىن لۇتېرنىڭ دىن ئىسلاھاتى ئىدىيىسى فرانسىيىگە، ئارقىدىن يەنە ئەنگلىيىگە تارقىلىپ، پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ۋە دىنىي ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە تاكى17 - ئەسىرگىچە داۋاملاشقان.
مارتىن لۇتېرنىڭ دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ماھىيەتتە16 - ئەسىردىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ دىن ئىسلاھاتى بايرىقى ئاستىدا قوزغىغان فېئوداللىق جەمئىيەتكە قارشى بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ياۋروپانىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. مارتىن لۇتېرنىڭ دىن ئىسلاھاتىغا دائىر ئەسەرلىرى غەربتىكى پۈتكۈل خرىستىئان دىنى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە دىنىي جەمئىيەتنىڭ قائىدە - ئەھكاملىرىغا ئىتائەت قىلىشنى ئەمەس، بەلكى شەخسىي ئېتىقادقا بويسۇنۇشنى تەكىتلەيدىغان مارتىن لۇتېر مەزھىپىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەزھەپ كېيىن پروتېستانتىيە دىنى دەپ ئاتالغان. مارتىن لۇتېر يەنە ئىلگىرى دىنىي قائىدە - مۇراسىملاردا بىر تۇتاش قوللىنىش بەلگىلەنگەن لاتىن تىلىنىڭ ئورنىغا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى دەسسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ مىللىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.