مارىيە ئەل قىبتىييە

ھەزرىتى مارىيە (مَارِيَةُ بنت شَمعُون الْقِبْطِيَّةُ) رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مىسىرلىق شەمئۇننىڭ قىزى مارىيە ئەلقىبتىييە. (ھ. ؟ – 16 / م. ؟ – 637) ئىسكەندەرىييە ھاكىمى مۇقەۋقىسنىڭ ھ. 7 / م. 628 - يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتكەن ھەدىيەسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسى. خرىستىيانلىقنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولغان ۋە كېيىنكى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنى تۇغقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۆر بولغان.