مالىنا تەڭرىتىغى ، ئالتاي تېغى ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا تاغ باغرىلىرىدا ۋە جىلغىلاردا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدۇ . مېۋىسى يېرىم شار شەكىللىك ، رەڭگى قىزىل ياكى بىنەپشە قىزىك رەڭدە بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.

مالىنا
ئۇيغۇرچە نامى مالىنا
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى مالىنا
ئازغان كەنجى تۈركۈمى كەنجى تۈركۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 树莓
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى مالىنا ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى
لاتىنچە نامى Raspberry
ئوراپ قاچىلانغان مالىنا (قىزىل)

ھەققىدە تەھرىرلەش

مالىنانىڭ ئېگىزلىكى 1 - 2 مېتىر كېلىدۇ ، شاخلىرى ئازراق ، تىكەنلىك يوپۇرمىقى پەيسىمان ، مۇرەككەپ يوپۇرماق ، ئۈچ كىچىك يوپۇرمىقى بار . يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان ، يوپۇرماق يۈزىدە ئۇششاق قىسقا تۈكچىلىرى ، ئاستىدا ئاقۇچ قىسقا تۈكچىلىرى بار .

مېۋىسى يېرىم شار شەكىللىك ، رەڭگى قىزىل ياكى بىنەپشە قىزىك رەڭدە بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.

مالىنا كۆپ كۈنگەي تاغ باغرىدا ، ئېرىق بويىدا ، جىلغا بويلىرى ، بوز يەر ۋە شالاڭ چاتقاللىق ئىچىدىكى نەم جايلاردا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200-2200 مېتىر ئېگىز بولغان جايلاردا ئۆسىدۇ. مالىنا يىلتىزىنىڭ تۈپلىنىش بىخ مايسا ھاسىل بولشى ئەتراپتىكى ھاياتلىق مۇھىتى سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ناچار شارائىتقا چىداملىق ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كۈنگەي جايلارنى ياقتۇردىغان ئۆسۈملۈككە تەۋە .

قىممىتى تەھرىرلەش

مالىنا چاتقال تىپىدىكى مېۋىلىك دەرەخ ، ئېكولوگىيىلىك ئىقتىساد تىپىدىكى سۇ - تۇپراقنى ساقلايدىغان چاتقال دەرەخ تۈرى بولۇپ ، ياۋروپا ، ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەر ئاللىقاچان كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈپ ھەمدە كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرغان، جۇڭگو كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلكىلەر ۋە  ئاپتونوم رايونلار كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، دورىلىق قىممىتى بىلەن ئىستېمال قىممىتى ياخشى شۇڭا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.

 
مالىنا مېۋىسى دەرەخ ئۇچىدا

ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى مالىنا ئۇرۇقدىشى ئۆسۈملۈك مالىنا يىلتىز ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يىلتىز قومۇرۇپ ئېلۋېلىنىپ، يۇيۇپ، يالپاقلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن ئاپتاپتا قۇرۇتىلىدۇ. كۈر پەسلى يوپۇرمىقى يىغىۋېلىنىپ يۇيۇلۇپ ئۇششاق توغرالغاندىن كىيىن ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

 
مالىنا تورتى
 
مالىنا

قان توختىتىش، يەلنى ھەيدەش، نەملىكنى قۇرۇتۇش، قان قۇسۇشنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، تەرىتىدىن قان كېلىش، ئۈچەي يەللىكى، تولغاق، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىش، يىقىلىپ زەخىملىنىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن قالايمىقان بۇلۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، چىيقان ئىششىقنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

 
مالىنا پىشۇرۇقى

جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ، سىچۈەن ، گۇيجۇ ، گەنسۇ ، چىڭخەي، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، شىزاڭدىن باشقا قالغان ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان . چاۋشيەن ،  ياپونىيە ، بىرما ، ۋېتنام  قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆسىدۇ. جۇڭگوخۇبېينىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايون كۆپ مىقداردا ئۆستۈرۈلگەن. مالىنا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تەڭرىتىغى ، ئالتاي تېغى ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا تاغ باغرىلىرىدا ۋە جىلغىلاردا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدۇ .

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى