جۇڭگودىكى مانجۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان، قالغانلىرى جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ھەمدە بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سەككىز خوشۇن تۈزۈلمىسى مانجۇ مىللىتىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدۇر.

مانجۇ مىللىتى

مانجۇ مىللىتى ھەققىدە رىۋايەت

تەھرىرلەش

مەنزىرىسى گۈزەل چاڭبەيشەن تېغى ئېتىكىدە، سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بىر كۆل بار ئىكەن، ئۈچ پەرىزات ئەرشتىن كۆلگە چۈشۈپ يۇيۇنغاندىن كېيىن قىرغاققا چىقىپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئىلاھىي سېغىزخان قىزىل رەڭلىك مېۋىنى چىشلەپ ئېلىپ كېلىپتۇ، بۇ مېۋە ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە تەملىك بولۇپ، يېشى ئەڭ كىچىك پەرىزات فوگۇلۇن ئۇ مېۋىنى يەپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي فوگۇلۇن بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بالىنىڭ فامىلىسى ئەيشىنجۆلۇ، ئىسمى بوكۇلى يوڭشۈن ئىكەن. مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى مانجۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر.

تەربىيە

تەھرىرلەش

مانجۇلار قائىدە-يوسۇنغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىچىكلەر چوڭلاردىن ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئەھۋال سورايدۇ، بەش كۈندە بىر قېتىم سالامغا بارىدۇ. چوڭلاردىن ئۈچ كۈندە بىر ئامانلىق سورايدۇ. بەش كۈندە بىر قېتىم سالام بېرىدۇ. ئەرلەر سالام بەرگەندە بېلىنى ئېگىپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، سول قولىنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، يەردىن بىرنەرسە ئېلىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە دوست-بۇرادەرلەر ئۆزئارا كۆرۈشكەندە ئەر-ئايال دېمەستىن بىلىكىدىن تۇتۇپ، يۈزىنى بىر-بىرىگە تەگكۈزۈپ كۆرۈشىدۇ.

مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مانجۇلار موڭغۇللارنىڭ ھەرپىدىن پايدىلىنىپ «كونا مانجۇ يېزىقى» نى ئىجاد قىلدى. كېيىنچە، موڭغۇل ھەرپى ئاساسىدا ھۆرگۈل، چېكىت قاتارلىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق «ھۆرگۈل ۋە چېكىتلىرى بار يېزىق» ياكى «يېڭى مانجۇ يېزىقى» نى ئىجاد قىلدى. ھازىر ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئىشلەتكەچكە، مانجۇ تىل-يېزىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز قالدى.

مانجۇلاردىن تىل ئۇستىلىرى كۆپلەپ چىققان بولۇپ، ساۋ شۆچىن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ، لاۋ شى «شياڭزى تۆگە» دېگەن مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. لو چاڭپىي گرامماتىكا ۋە فونېتىكىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر ھېسابلىنىدۇ.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە مانجۇ قەھرىمان نۇرخاچ 30 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى جۇرجىتلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە مانجۇلارنى بىر مىللەت قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ، بۈيۈك چىڭ دۆلىتىگە ئۇل سالدى. ئۇ مانجۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سېرىق خوشۇن، ئاق خوشۇن، قىزىل خوشۇن، كۆك خوشۇن، سېرىق جىيەكلىك خوشۇن، ئاق جىيەكلىك خوشۇن، قىزىل جىيەكلىك خوشۇن ۋە كۆك جىيەكلىك خوشۇندىن ئىبارەت سەككىز خوشۇن ئاساسىدا تەشكىللەپ، پۈتكۈل پۇقرالار ئەسكەر بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. نۇرخاچ بۇ خىل خوشۇنىغا تايىنىپ، سارخۇ رايونىدا بۆلۈپ-بۆلۈپ تارمار قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىنى تارمار قىلدى. كېيىن مانجۇ ھاكىمىيىتى يەنە موڭغۇل سەككىز خوشۇنى ۋە خەنزۇ سەككىز خوشۇنىنى ئارقا-ئارقىدىن بەرپا قىلدى. 1644-يىلى نۇرخاچنىڭ سەككىز قوشۇن ئاتلىق خوشۇنى شەنخەيگۇەندىن كىرىپ، بېيجىڭنى ئىگىلىدى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئىگىلەپ، زېمىنى مىسلىسىز كەڭ چىڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇردى.مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى جۇڭگوغا 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى، سەككىز قوشۇن مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدا مۇداپىئەدە تۇرغۇزۇلدى، مانجۇلارنىڭ ئىدىيىسى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى دۆلەت ئىچىگە تارالدى.

جۇڭگودىكى مانجۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان، قالغانلىرى جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ھەمدە بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

مانجۇلار خېلى بۇرۇنلاردىن تارتىپلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، ھەر قېتىم ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا، تەڭرىگە نەزىر-چىراغ قىلغاندا، شامانلار بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون كىيىپ، بېلىگە قوڭغۇراق ئېسىپ داپ چېلىپ، دۇرت ئوقۇغاچ سەكرىشىدۇ. بىرەر كىشى ئاغرىپ قالسا شامان باخشىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتىدۇ.

مانجۇ ئاق سۆڭەكلىرى ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ماھىرلىقى بىلەن جاھان سورىغان، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوخشاشلا قامچا ئېلىپ، ئوقيا ئېسىپ تاغ-ئورمانلارنى كېزىدۇ. ئەرلەر بىر تال ئۇزۇن ئۆرمە چاچ قويىدۇ؛ ئۇزۇن تون كىيىدۇ، بېلىگە پوتا باغلايدۇ، ئاياللار چېچىنى تۈرمەكلىۋالىدۇ، كەڭ، ئۇزۇن چىپاۋ كىيىدۇ، پۇتىنى بوغمايدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، چىپاۋ شەرق ئاياللىرىنىڭ تىپىك كىيىمىگە ئايلىنىپ، جاھان ئەھلىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرماقتا.

سىرتقى ئۇلاش

تەھرىرلەش

مەنبەلەر

تەھرىرلەش