<مايبۇلاق> - پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، قاراماي شەھەر - ئىدارە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باشقۇرىدۇ، <مايبۇلاق> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1978 - يىلى <قاراماي ئەدەبىياتى> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 60 نەچچە سان چىقىرىلغان بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ، نېفىتلىك قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. ژۇرنالدا ھازىر <نەسرىي ئەسەرلەر>، <شېئىرلار>، <مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە>، <نېفىتلىكتىكى ئىجادكارلار>، <نېفىتلىك غۇنچىلىرى>، <كىتابخانلاردىن خەت>، <قېرىنداش مىلللەتلەر ئەدەبىياتىدىن>، <چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن>، <ئاخبارات - ئۇچۇرلار> قاتارلىق سەھىپىلەر بار.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش