ماھىنۇر ئابدىلىم

ماھىنۇر ئابدىلىم 1973- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇغۇلغان. ئىلگىرىكى يىللاردا ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار ئەدەبىياتى تۈرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ غۇنچە مۇكاپاتى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ قۇياش مېھرى››، ‹‹تەكلىماكان روھى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2011- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ‹‹ تارىم›› ژۇرنىلى تەھرىرى بۆلۈمى تەرىپىدىن ‹‹ مۇنەۋەر ئەدىب›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ۋەكىللىك خاراكتىرىغا ئىگە ئەسەرلىرىدىن« تۇمان تارىغان سەھەر » (رومان)، « ساداقەت »(رومان)، « ھاردۇق يەتكەن ئايال » (پوۋىست، ھىكايىلەر توپلىمى) قاتارلىقلار بار.

مەنبە تەھرىرلەش

خەلىق تورى