مصرئادصل ئابلصمصت

تونۇلغان ئۇسسۇلچى ۋە ئاتاقلىق كىنو چولپىنى مىرئادىل ئابلىمىت 1962 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . 1978 - يىلى سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل سىنپىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . مىرئادىلنىڭ ئېكران ھاياتى 1983 - يىلى ئىشلەنگەن « ئارتىس بولمايدىغان قىز » ناملىق فىلىمىدە قىزىقچى ئىمىن نىياز رولىنى ئېلىش بىلەن باشلانغان . ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ، « ساھىپجامالبىڭ ئۆلۈمى » ، « مەھەممەت ھەققىدە پاراڭ » ، « غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەسىتانىلىرى » ،« خۇشال زامان » ، « ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىدىكى ئايال چولپان » ، « مەلىكە ئاماننىساخان » ، « جۇشقۇن ياشلىق » ، « باياۋانغا كەلگەن مېھمان » ، « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى » ، « سوتچى ھاشىم » ۋە 100 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « نەسىردىن ئەپەندى » ، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « چىڭگىزخان » ، قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى . بۇنىڭدىن باشقا مىرئادىل ئۇسسۇل ساھەسىدىمۇ ناھايىتى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئارتىس بولۇپ ، ئۇ ئورۇنداشقا قاتناشقان « قۇياشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر » ، « پوتا ئۇسسۇلى » ، « نازىركوم » قاتارلىق ئۇسسۇللارنى خەلق ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ . مىرئادىل ھازىرغىچە فرانسىيە ، سۈرىيە ، ئاۋىستىرالىيە ، گىرامانىيە ، ياپونىيە ، پاكسىتان قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئويۇن قويغىلى بېرىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى

مەنبەلەر

تەھرىرلەش