جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى <مورا ئوچاق> نى كەشىپ قىلىپ، بۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك پايدىلىنىپ كەلدى. مورا ئوچاق مۇنداق بولىدۇ: ئۆينىڭ كەڭرەك ئېلىنىپ، ئۇ يەرگە تونۇر شەكلىدە ئوچاق سېلىنىدۇ. بۇ ئوچاق <ئوچاق تونۇرى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئوچاققا ئوتۇن قالىنىدۇ. تاماققا تۇتۇش قىلماستىن بۇرۇن، <ئوچاق تونۇرى> غا لايىق قازان ئېسىلىپ ئوت قالىنىدۇ. ئوچاق ئالدىغا ئۆرە مىس چۆگۈن قويۇپ چاي قاينىتىلىدۇ. تاماق پىشقىچە <ئوچاق تونۇرى> قىزىپ تەييار بولىدۇ. قازاننى چۈشۈرۈپ ئوچاققا تۇز سېلىپ نان يېقىلىدۇ. تاماقنى يەپ بولغۇچە نان پىشىدۇ. دېمەك، مورا ئوچاق يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشتىن تاشقىرى، يەنە قىش كۈنلىرى ئىسسىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

مورا ئوچاقنىڭ ئالدى تەرىپى بىر يېرىم مېتر ئېگىزلىكتە نېپىز كېسەك بىلەن مېھراب شەكلىدە قاپارتمىلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. بۇ <مورا بېشى> دەپ ئاتىلىدۇ. <مورا بېشى> نىڭ ئۈستىگە <جىنچىراغ> (سۇ يېغى ئىشلىتىلىدىغان چىراغدان) قويۇلىدۇ (ھازىر ئېلېكترلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، <يەرلىك جىنچىراغ > لار ئەمەلدىن قالماقتا).

<مورا بېشى> ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن ياسالغاچقا ئۆيگە يارىشىدۇ. (ر)