موزدۇزلۇق
بىز ئۇيغۇر خەلقىدە موزدۇزلۇق كەسپىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان ئىپتىدائىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىگە ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر موزدۇزچىلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
تەھرىرلەشئۇيغۇرچە ئىسمى :موزدۇزلۇق
موزدۇزلۇق ھەققىدە
تەھرىرلەشموزدۇزلۇقئاسىيانىڭ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا ياشىغان. ئەجدادلىرىمىز ئىنتايىن جاپالىق بولغان ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئات، كالا، تۆگە، قوتاز، قوي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن. يەنى ئۇلارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ يەپ، تېرىسىدىن ئاياغ كىيىمى ئىشلەشنى ئىجاد قىلغان. لېكىن بىز ئۇيغۇر خەلقىدە موزدۇزلۇق كەسپىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان ئىپتىدائىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىگە ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر موزدۇزچىلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم. دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن موزدۇزلۇق كەسپى ئەنە شۇ نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىنىڭ بېيىتمىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سەپەر(كارۋانچە) ئۆتۈك، ھالقا ئۆتۈك، پەس پاشنا، ئارا پاشنا، ئېگىز پاشنا ئۆتۈك، تۈز مەسە، توغرا تۇمشۇق مەسە، بۇغداي تۇمشۇق مەسە، ئىسگىلاچ مەسە، ئەرەنچە مەسە، ھالقا كەش، سەندەل ۋە يېڭى پاسوندىكى ھەر خىل بەتىنكە قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇرلار ئاياغ كىيىمىنى ئات-كالا تېرىسىدىن تىكىدۇ. ئۆچكە، قوي تېرىسىنى ئەستەرلىككە ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاياغ رەختىنى كۆن، خۇرۇم، چەم، ئۇلتاڭ، بېشۇ، مەسكاپ، چىگىردىن دەپ بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. كۆن، خۇرۇملار قارا، قىزىل رەڭدە، ئەستەرلىكلەر ئاق، سېرىق رەڭدە بولىدۇ. بۇ خىل رەختلەرنى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئۆزلىرى ئىشلەيدۇ.
مۇندەرىجە
تەھرىرلەش- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- موزدۇزلۇق ھەققىدە
- موزدۇزلۇق ئەسۋاپلىرى
- راسلاش ۋە تىكىش ئۇسۇلى
- ئالاقىدار بايان
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
موزدۇزلۇق ئەسۋاپلىرى
تەھرىرلەشموزدۇزلۇق ئەسۋابلار: كۆن، خۇرۇم ۋە چەم كېسىش پىچىقى، چوڭ-كىچىك دەرەش(بىگىز) ، يىپ-يىڭنە، كوۋا(رەخت تۈزەش سايمىنى) ، پەرداز كالتىكى، ئاق-قارا مۇم، سىرەج، قارا گۈل، ئەندىزە ۋە قېلىپلاردىن ئىبارەت.
راسلاش ۋە تىكىش ئۇسۇلى
تەھرىرلەش3پارچەموزدۇزلۇقراسلاش ۋە تىكىش ئۇسۇلى: موزدۇزلۇق كەسپىدە ئەندىزە ۋە قېلىپ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاياغنىڭ باشلىق قونجى ئەندىز بىلەن كېسىلىدۇ. باشلىق بىلەن قونچى ئەستەرلىنىدۇ. باشلىقىنىڭ باشمالداققا ئوخشاش تىلى قونچىنىڭ ئويۇلغان يېرىگە كىرگۈزۈلۈپ بىخ سالىدۇ(ماشىنا سالىدۇ) ، ئاندىن قېلىپقا تارتىلىپ ئىستەلكە-ئىچ چەم تىكىلىدۇ. ئاندىن چەمدىن تاسما تىكىپ تاش چەمنى شۇ تاسما بىلەن قوشۇپ تىكىدۇ ياكى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلايدۇ. پاشنا قويۇپ قېلىپقا تارتىپ پەردازلايدۇ. قېلىپتىن ئېلىپ لازىم قىلىدۇ.
مەسە، كارۋانچە(بۇ ئۆتۈك قىزىل كۆندىن تىكىلىدۇ) ئۆتۈك قېلىپقا سېلىنماي تەتۈر ئۆرۈپ تىكىلىپ ئاندىن ئۆرۈيدۇ. باشقا خىلدىكى ئۆتۈكلەردەك قاتۇرما قىلىنمايدۇ. بۇ ئاياغلارنىڭ ھەممىسى ئەرەنچە ۋە ئايالچە دەپ ئايرىپ، نۇسخا جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.
ئالاقىدار بايان
تەھرىرلەشموزدۇزلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپ بولۇپ، ھەر بىر يۇرتتا بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كاسىپلار بار. ئۇيغۇر يەر جاي ناملىرى ئىچىدە «موزدۇز مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.