موللاق ئېتىش ئويۇنى

موللاق ئېتىش ئويۇنى ئۇيغۇر ياش يىگىتلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ئومۇملاشقان، ياشلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىر تۈرى. بۇ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ياخشى گەۋدىلەنگەن ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىر تۈرى. بۇ ئويۇننى دارۋازلىق ئويۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سېرىكچىلىك تۈسىنى ئالغان كۈلكىلىك ئويۇن دېيىشكە بولىدۇ. موللاق ئېتىش مول مەزمۇن ۋە رەڭگارەڭ شەكىلگە ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ياز، كۈز پەسىللىرىدە بۇغداي خامانلىرى، چىملىق ياكى موللاق ئېتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سورۇنلاردا يىگىت - قىزلار ئورتاق ئوينايدىغان ئويۇندۇر. موللاق ئېتىش ئويۇنى ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەنى يەرنى تۇتۇپ موللاق ئېتىش، يەنى تۇتماي موللاق ئېتىش، يۇمىلاپ موللاق ئېتىش، بىر قول بىلەن موللاق ئېتىش، تەپكە تاختا ئۈستىدە موللاق ئېتىش قاتارلىق تۈرلىرى بولۇپ، ئوينىلىدىغان زامان - ماكان ئوخشاش بولمىغانلىقى، ئويناش ئوبيېكتلىرىمۇ پەرقلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزمۇن ۋە شەكلىمۇ ئۆزگىچە، ھەر - خىل بولىدۇ. بۇ ئويۇن مەيلى بۇغداي خامانلىقلىرىدا ئوينالسۇن، ياكى چىملىقلاردا ئوينالسۇن، ئوخشاشلا موللاق ئېتىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئارىلىققا يېتىپ بېرىش ياكى ئۆز كۆڭلىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار سورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كوماندا ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قىزغىنلىق بىلەن ئوينايدۇ. خاماندا ئويناشقا توغرا كەلگەندە يىگىتلەر بۇغداي ئورۇپ بولۇپ ھاردقۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئۆز ئارا موللاق ئېتىشىپ مۇسابىقىلىشىپ ھاردۇق چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بۇغداي ئەنجىسى ئېزىلىپ يۇمشىغان ۋاقىتتا ياشلار مومىنى مەركەز قىلىپ ئۇلاغلارنى خاماندا ھەيدىگەچ ئۇلاغلارغا ئەگىشىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇلانما موللاق ئاتىدۇ. بۇ خىل مۇسابىقە ئىككى ياكى بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىككى كوماندا ئارا ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن جەريانىدا مۇنداق كونكرېتنى تەلەپلەر قويۇلىدۇ: موللاق ئاتقۇچى كىشى خامان ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىقى، ئۇلاغلارنى نورمال ئايلاندۇرۇشى، خامان تېپىۋاتقانلارغا پۇتلاشماسلىقى، موللاق ئاتىمەن دەپ ئۇلاغنىڭ ئالدىغا كىرىۋالماسلىقى، خاماندا مېڭىۋاتقان ئۇلاغلارغا ئېسىلىپ سۆرۈلۈۋالماسلىقى لازىم. موللاق ئېتىش بىلەن خامان تېپىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. موللاق ئېتىشنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە ھەرىكىتى كۆركەم، نازۇك بولۇشى، ئۆز سالامەتلىكى ۋە پاكىزلىقىنى ئاسىرىشى كېرەك. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار باشتا كېىشىۋلغىنى بويىچە نۆۋەت ۋە قېتىم سانى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆز ئارا ئالمىشىپ ئويۇن كۆرسىتىش يولى بىلەن ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ ئويۇننى چىملىق، قۇملۇق ۋە ئوت - چۆپى قېلىن جايلاردىمۇ ئويناشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئىختىيارىي ھالدا كوماندا ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ. ئويۇن بەلگىلىك ئارىلىقتا موللاق ئېتىپ بېرىش ياكى بىر باشلىغانچە ئۆز ئارا زەنجىرسىمان چاتما موللاق ئېتىش شەكلىنى ئاساس قىلىپ ئوينىلىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا كېلىشكەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم. باشقىلارنىڭ بىمالال، خاتىرجەم ئويۇن كۆرسىتىشىگە كاشىلا بولماسلىق، ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ياكى تېپىپ يېقىتىۋەتمەسلىك، بەلگىلىك ئارىلىقتا موللاق ئېتىپ بېرىش، قائىدىگە بويسۇنۇش، ئويۇننى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا كوماندىغا چوقۇم رىئايە قىلىش لازىم. دېمەك، موللاق ئېتىش ئويۇنى قاچان، قەيەر، قايسى شەكىلدە ئوينالسۇن، چوقۇم قائىدە بويىچە مەقسەتلىك ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا تەۋە ھەر قايسى تۈرلەر، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى شۇنىڭغا كېتەرلىك مەيدان، ۋاقىت، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئالدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئويۇن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىي قىلىپ ساغلام، قابىل، باتۇر بولۇپ يېتىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتىن بەدەن ئورگانىزملىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش