موللا ئىسلام ( شاڭزۇڭ )

موللا ئىسلام( شاڭزۇڭ ) ( 1890~ 1960)

1943- يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ ، گومىنداڭغا قارشى كۈزۈشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي ، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر ، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان . موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .