موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ

شائىر بىلال نازىمنىڭ تولۇق ئىسمى _ موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، ئۇ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10~11 ياشلارغا كىرگەندە دادىسىدىن يېتىم قالغان ۋە ئاكىسى جالالىدىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان . موللا بىلال قورغاس«ئالتۇنلۇقۇم» يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى «بەيتۇللا» مەدرىسىدە 11 يىل ئوقۇغان. ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، شەرق ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز بىلەن پىششىق تونۇشقان، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاكىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىلال نازىم قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا تاراشقا باشلاپ، كىشىلەر ئۇنى "موللا بىلال" دەپ ھۆرمەتلەشكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق ھاققىدە يازغان غەزەللىرىنى دىۋان قىلىپ تۈپلەپ،

«نازىم » دېگەن تەخەللۇس بىلەن يېشىل تاۋار جىلتىغا ئوراپ سۆيگەن قىزى رەناخان ئاپپاققا تەقدىم قىلغان.

مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇمۇتالى خەلپەم شائىر موللا بىلالغا «تەرجىمەئى بىلال شائىر مەشھۇر»نامى بىلەن تەرجىمىھال يېزىپ چىققان. مانا شۇ تەرجىمىھالدا «غەزەلىيات» ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن : «فەقىر ۋە فەقە كۈنلەردە بىر ساھىپجامال مەھۋەش، پەرى پەيكارغا ئاشىق بىقارار، ئىشىق مەجازىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىشىق مۇھەببىتى قايناپ، ئىشىق ئوتى دىلىنى بىقارار قىلغانلىقتىن ئېيتقانىكەن.» ئەمما، موللا بىلال بۇ ساھىپجامالنىڭ ۋەسلىگە نائىل بولالمايدۇ. موللا بىلالنى گاداي كۆرگەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ ئامرىقىنى، قىز رايىغا باقماي باشقا بىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. ئىشىق ئوتىدا ھېسابسىز ئازابلىنىپ، ئۆرتىنىپ يانغان موللا بىلال ئامرىقىغا بېغىشلاپ ھەر كۈنى بەيتۇللا مەدرىسنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ نەزم ئوقۇيدۇ.

مۇئەللىپ غەزەللىرىدە ئۆزى ئاشىق بولغان ساھىپجامالنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. كېيىنكى مەلۇماتلاردا بۇ قىزنىڭ ئىسمى « غۇنچەم»، «ھەجەر ئاپپاق»، «جانارخان ئاپپاق»، «رەناخان ئاپپاق» دېگەن نام بىلەن ھەر خىل ئاتالدى. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ «ھۆسن ئىقلىمىدا گويا بارچە قىزلار سەرۋەرى» نىڭ ئەسلى ئىسمى رەناخان ئاپئاق بولۇپ، موللا بىلال يازغان نەزملىرىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ، تۈپلەپ، بىر يېشىل تاۋار جىلتىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەقدىم قىلغان. «غەزەليات» نىڭ بۇ قوليازمىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدەررىس ئارۇپ داموللامغا ياتلىق قىلىنغان رەناخان ئاپئاق موللا بىلال بىلەن بولغان ياشلىق دەۋرىدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى دەپ بىلىپ قەدىرلەپ، خاس ساندۇقىدا ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتا قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشنى ئەلدىن پىنھان تۇتقان، ھەتتا قىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەر رەناخان ئاپئاق ئائىلىسىدە 1935-يىلىغىچە ساقلانغان. رەناخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قوليازما ئۇنىڭ ئوغلى ھاشىر مەخدۇمغا قالغان. 1935- يىلىنىڭ ئاخىرى ھاشىر مەخدۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھاشىرنىڭ ئوغلى ئابدۇمىجىت قارىيغا قالغان. 1940- يىلى ئابدۇمىجىت قارىي قوليازمىنى ئېلىپ غۇلجا دىيارىدىن كەتكەن.

موللا بىلالنىڭ قاچان، كىم بىلەن توي قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇ توي قىلىپ بىر قىز، ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايۇپ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى قاسىم، قىزىنىڭ ئىسمى ئايشەم ئىكەن. موللا بىلالنىڭ نەۋرىسى مەھەممەتجان بىلالنىڭ ئالمۇتىدا چىقىدىغان « كوممۇنىزم تۇغى»گېزىتىنىڭ 1975- يىلى 26- ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان «بوۋام توغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«چوڭ دادام ئايۇپنىڭ ئابابەكرى، رابىيەم، شەرۋانەم ئاتلىق ئوغۇل-قىزلىرى بولغان. چوڭ ئاپىمىز ئايشەمنىڭ ھۆرنىساخان دېگەن بىرلا قىزى بولغان. بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى قاسىم مېنىڭ دادام بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمەرجان، غوجائەخمەت، مەھەممەتجان دېگەن ئوغۇللىرى، ئۈمگۈلسۈم، تۇراخان دېگەن قىزلىرى بولغان. بىزنىڭ ئائىلىدىكى مەندىن باشقىلىرى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولۇشتى.»

تۆھپىكار ئەرنىڭ كەينىدە مەدەتكار ئايالنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بىراق، ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مەنبەلەردە موللا بىلالنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. شائىر بىلەن زامانداش تەتقىقاتچى، ئەدىبلىرىمىز بۇ نۇقتىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

تەتقىقاتچىمىز ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ موللا بىلال توغرىلىق يازغان كىتابىدىكى ئىشەنچلىك دەلىللەرگە قارىغاندا، 1959- يىلى ئالمۇتىنىڭ چېلەك رايونىدا كونا كىتابلار ۋە قوليازمىلار تېپىلغان، شۇ قوليازمىلارنىڭ بىرىدە بىر ئايەتنىڭ تۆۋىنىگە يېزىلغان مەلۇماتتا، موللا بىلالنىڭ چوڭ ئوغلى ئايۇپ ئاخۇننىڭ 1860- يىلى (ھىجىرىيە 1277- يىلى )تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئېچىنىشلىق ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تونۇرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان موللا بىلال تەخمىنەن 1859- يىلى 34 يېشىدا توي قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

بىلال نازىم 1864- يىلى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. شۇ يىللاردا «نازۇكۇم»، «غازات دەر مۈلكى چىن »، «چاڭموزا يۈسۈپخان»قاتارلىق نادىر داستانلارنى يېزىپ چىققان. 1895- يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق " كۆچ -كۆچ" تە يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى ياركەنت دېگەن جايغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇ جايدا 1900- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

شائىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا ھازىر ئۈچ خىل قاراش بار. بەزىلەر 1899- يىلى دېسە، يەنە بەزىلەر 1902- يىلى دەپ قارىدى. يېقىندا يەنە 1900- يىلى دەپ توغرىلاندى. شائىر بىلەن زامانداش بولغان تەتقىقاتچى ھەم ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە شاگىرتى ئابدۇمۇتالى خەلپەم (1867--1960) ۋە بىلالشۇناس ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بىلال نازىم ھىجىرىيە ھېسابىغا 1318- يىلى 77 يېشىدا، مىلادىيە ھېسابىغا 1900- يىلى 75 يېشىدا ياركەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ جايدا ساقلانماقتا.

1993- يىلى موللا بىلالنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى، ھەيكەل ئورنىتىلغان باغچىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كوچا ئۇنىڭ شەرەپلىك نامى بىلەن ئاتالدى. ھازىر بۇ يەر ئىلىم-مەرىپەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە. (ئابدۇرىشىت ھېلىمھاجى)