مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى

مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1909- يىلى موڭغۇلىيەدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان مويۇنچۇر قاغان (747- 759- يىللىق) نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان يەنە بىر يادىكارلىق.

مويۇنچۇر ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى كۆل بىلگە قاغان (742- 747- يىللار) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تۇريان ئىدى . مەنبەلەردە يەنە ئەل بىلگە يابغۇ ۋە قارا قاغان دەپمۇ ئاتالغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 50 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مويۇنچۇر قاغان نامىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دەسلەپكى تارىخى، ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، كېيىن قارلۇق، توققۇز تاتار باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئېلىپ بارغان جازا ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسىگە قىلغان يۈرۈشلىرى، تابغاچ ۋە سوغداقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرىنى سالدۇرغانلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە تىلغان ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر خاتىرلەنگەندىن سىرت، يەنە كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرلەرگەن بىر قسىم ۋەقەلىكلەر تېخىمۇ كونكىرېت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.