پىشقەدەم رەھبەر،جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئەپەندى 1938-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاربوز يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى،غۇلجا شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە تاشكەنت يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان،1962-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ۋە كۆپرەك يېزىلاردا خىزمەت قىلغان.بۇ جەرياندا مەمۇرىي خىزمەت بىلەن تەتقىقاتنى بىرگە تۇتۇپ كەلگەن.1982-يىلىدن باشلاپ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،باشقارما باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1986-يىلىدىن1993-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدە مۇئاۋىن نازىر،نازىر بولغان.1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.1998يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. يېزا ئىگىلىككە دائىر يازما كىتاپلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشىردىن چىققان. يېقىندا يەنە ئىككى كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىماقتا.