<مىراس> - خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پەسىللىك ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ، <مىراس> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. 1980 - يىل 1 - ئايدا قەرەلسىز نەشر قىلىنشقا باشلاپ، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان. بۇ ژۇرنال 1983 - يىلى نەشر قىلىنشتىن توختاپ قېلىپ، 1991 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ھازىر قەرەللىك، ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. بۇ ژۇرنالدا خەلق داستانلىرى، خەلق چۆچەكلىرى، خەلق رىۋايەت - ئەپسانىلىرى، لاپ - لەتىپىلەر، خەلق قوشاقلىرى قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانىرلىرى ئېلان قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ، قىسمەن تەرجىمە ئەسەرلەر، نەزەرىيۋى ماقالىلەر تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش