مىرسۇلتان ئوسمان

مىرسۇلتان ئوسمان 1929 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرى ئاقكەنت يېزىسىدا خوتەن قاراقاشلىق ئازنىباقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1932- يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان ۋە 1943- يىلى ئىلى بىلىم يۇرتىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئورگىنىدا كاتىپ ۋە ئورگان ژۇرنىلىدا كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951- يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىلىم ئوقۇغان. مىرسۇلتان ئوسمان بىر يىلدىن ئارتۇق بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن (1952- يىلى لى جىڭۋېي، چېن زوڭجېن، جىن شىياڭيى، لۇ بىڭروڭ، گاۋ شىجې... قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن). ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىن باشلاپ ئانا تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. 1957- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1965- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1965- يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە 1979- يىلىغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1979- يىلى 11- ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندا، مەزكۇر ئورۇنغا تەقسىم قىلىنغان ۋە 1989- يىلىغىچە مەزكۇر ئورۇندا خىزمەت قىلغان. 1989-يىلىدىن باشلاپ 1997- يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان.

ئالىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئىشقى بىلەن يانغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن 1950- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئاشۇ جاپالىق شارائىت دەۋردىن باشلاپ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن مېڭىپ ئۇيغۇر تىلى دالالىرىنى، يېزا- قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955- يىلى قەشقەر شەھەر ئىچى، ئوپال يېزىسى، پەيزىۋات ناھىيىسىدە؛ 1956-، 1957- يىللىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، قاراقاش، ئېلچى، لوپ، چىرا، نىيا، كېرىيە ناھىيىلىرىدە تىل تەكشۈرگەن. تىل تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى قېلىن تۆت خاتىرىگە يېزىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 1960- يىلى 5- ئايدىن 10- ئايغىچە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ مىرسالى، كۈزلەك، تىكەنلىك (ھازىرقى دېھقانچىلىق 2- دېۋىزىيىسى 34- پولك تۇرۇشلۇق ئورۇن) يېزىلىرىدا، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن يېزىسى ۋە يېڭىسۇدا تىل تەكشۈرگەن. 1962- يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز مەسىلىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسى ۋە ئۈرۈمچىدە تىل تەكشۈرگەن. 1965- يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈشتە بەزي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش يۈزىسىدىن قەشقەر شەھەر ئىچى ۋە خوتەن ئېلچىدا تىل تەكشۈرگەن. 1967- يىلىدىكى قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلى، ئالتاي رايونىدا يېتەكچى بولۇپ تىل ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1979- يىلى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1980- يىلى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى لېكسىكىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاتۇش، قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىھېسار ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. 1986- يىلى ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىش بويىچە ئاتۇش، يەكەن، قاغىلىق، مەكىت، يوپۇغا، مارالبېشى، كەلپىن، ئاقسۇ، كۇچار ناھىيىلىرىدىكى تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 1986- يىلى خوتەننىڭ لاڭرۇ كەنتىدە تىل تەكشۈرۈشتە بولغان. 1988- يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ دىغار، لۈكچۈن يېزىلىرىدا تىل تەكشۈرگەن. 1989- يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا تىل تەكشۈرگەن. 1996- يىلى 5- ئايدىن 7- ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تۆمۈرتى، ئاققاش (داڭسىڭ) قاتارلىق جايلىرىدا تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كەسپىي يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان. 1987- يىلى تەتقىقاتچى (ئالىي دەرىجە) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1988- يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-، 1992- يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە تىل تەكشۈرگەن. 1991- يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالىنىپ، ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان. 2005- يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا «دىۋان» تەتقىقاتىدا تۆھپىكار ئالىم بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

ئالىم بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئورقۇن- يېنىسەي (تۈرك- رونىك) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل- يېزىقلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە مۇشۇ يېزىقلاردىكى كلاسسىك يازمىلارنى تەتقىق قىلغان. ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، خەنزۇ، پارس، قازاق، تۈرك تىللىرىدىن بىمالال پايدىلىنالايدىغان سەۋىيە يەتكەن.

1964- يىلى تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئۈچ قىسىملىق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابى يېڭى يېزىقتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

1977- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە ئىككى تومىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت»نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان يېڭى يېزىق نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1984-، 1988-، 1997- يىللىرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى» (باش تۈزگۈچى)نى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى» ش ئۇ ئا ر بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1991- يىلى تىلشۇناس، تۈركولوگ مەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ ئاساسلىق كۈچ بولۇپ ئىشلىگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى» ناملىق كىتاب 1991- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1988- ، 1989- يىللىرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى» دىگەن كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان. بۇ كىتاب 1993- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2002- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە چوڭ لۇغەت»نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ غەلىبىلىك تاماملاپ نەشردىن چىقارغان. 1990- يىلى ئالىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. كىتاب ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتراپلىق تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېتكتلىرىنى بۆلۈشنىڭ توغرا ئۆلچىمى ، شۇ ئۆلچەم بويىچە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى (جۈملىدىن ئاساسىي جۇغراپىيىلىك چەك- چېگرىسى)، ھەر بىر دىئالېكتنىڭ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىئالېكتى بولغان مەركىزىي دىئالېكتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تىل بىلەن بولغان ئىچكىي باغلىنىشى، ھەر بىر دىئالېكتقا تەۋە شېۋىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر جانلىق، تىپىك ماتېرىياللار بىلەن بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان». بۇ كىتاب بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنى ئۆگىنىشىمىزدە يېتەكچى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

بۇ كىتاب 1990- يىلى ش ئۇ ئا ر بويىچە پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1997- يىلى شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدى. بۇ كىتاب، ئالىمنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىكىلەر ۋالىي مەھكىمىگە دوكلات يوللاپ تەستىقلىتىشى ئارقىسىدا، ئۇلار ئالىمنى تەكلىب قىلىپ بىر گۇرۇپپا قۇرغان، بۇ گۇرۇپپا ئالىمنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە 1996- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە تەكشۈرۈشتە بولغان. بۇ گۇرۇپپا ئالىمنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە «قۇمۇل شېۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەركىزىي دىئالېكت رايونى ئىچىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر شېۋە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى»، شۇنداقلا «بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇردى». بۇ ئەسەر مالوۋنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كىتابىدىن كېيىنكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1999- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق كىتابىنىڭ قىسقارتىلغان خەنزۇچە نەشرىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1961- يىلى لوپ رايونىدا ئېلىپ بارغان ئالتە ئايلىق تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىدىن قولىدا ساقلىنىپ قالغانلىرى ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىقىپ، لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى يورۇتۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 2006- يىلى بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا لوپنۇر دىئالېكتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مول تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئېغىز ئىجادىيىتى ئەسەرلىرى، خەلقئارا ترانسىكرىپسىيە بىلەن ئەسلىي تەلەپپۇزى بويىچە ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتاب لوپنۇر دىئېكتىنى چۈشىنىشتىلا ئەمەس، بەلكى لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى، بۇ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئارقىلىق لوپلۇقلار ۋە لوپنۇر خەلقىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە. 2004- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئالىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1956- يىلى 9- ئايدىن 1957- يىلى 3- ئايغىچە بولغان تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىدىن ئۆزىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىنى ئاساس، كېيىنكى تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماتىرىياللىرىنى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ يېزىپ چىققان. ئالىم يەنە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت- شېۋىلىرى لۇغىتى» ناملىق كىتابقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە لۇغەتنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان. 2008- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىش ئالدىدا تۇرغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى، مۇكەممەل نۇسخىسىنى تۈزىتىپ بېكىتىشكە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ ھازىر يەنە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تەتقىقات تېمىسى «ئورقۇن ئابىدىلىرى سۆزلۈكى»نىڭ كەسپىي يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئالىمنىڭ يۇقىرىقى كىتابلاردىن باشقا، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى بار. بۇلاردىن «9- ئەسىر ئوتتۇرا تۈركىي تىل يادىكارلىقلىرىدىكى ї ھەرىپى ۋە ئۇ ئىپادە قىلغان تاۋۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە» («ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى» 1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» («تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2)»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1983- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى)، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىمىز» (مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ يازغان، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1993- يىلى 1- سان)، «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا» (ئۇستاز تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن بىرلىشىپ يازغان، «تارىم» ژۇرنىلى 1984- يىللىق 3- سان، «مەھمۇد كاشغەرى» ناملىق كىتاب، رۇسچە ژۇرنال «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ۋە قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى»دە ئېلان قىلىنغان)، «مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›دە بايان قىلغان ئەدەبىي تىل ھەققىدە» («مەھمۇد كاشغەرى» ناملىق توپلام 1985- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى)، «‹قۇتادغۇبىلىك›تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر، ئامىنە غاپپارلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1997-يىلى 2-، 3- سان)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 1993- يىلى 2- سان)، «‹قۇتادغۇبىلىك›تە غۇ // گۈ قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىمداشلارنىڭ قوللىنىلىشى» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان)، «قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا» (تىلشۇناس ئامىنە غاپپار بىلەن بىرلىشىپ يازغان، «تىل ۋە تەرجىمە» 1990- يىلى 3- سان)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»... قاتارلىق نەچچە ئون ماقالىسىنى مېسال قىلىش مۈمكىن. مىرسۇلتان ئوسمان يەنە «جاھاننەما» (ئايازبېك قۇشچىنىڭ داستانى، 1985- يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى» (غۇلام غوپۇرى تۈزگەن) ... قاتارلىق كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان.

ئەسلى مەنبە: خەلق تورى