مىستەھ (مِسْطَحُ بنُ أُثَاثَةَ بنِ عَبَّادِ بنِ المُطَّلِبِ المُطَّلِبِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەۋف ئىبنى ئۇساسە ئىبنى ئەبباد ئىبنى ئەلمۇتتەلىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئۇبادە). مىستەھ لەقىمى. (ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 34 / م. 600 – 655) مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە گەپ - سۆز تارقاتقانلار قاتارىدا دەررە ئۇرۇلۇپ جازالانغان.