مىسۋاك ئىشلىتىش، يەنى چىش چوتكىلاش: مىسۋاك ئىشلىتىش بەك مۇھىم. چۈنكى چىش چوتكىلىمىغان كىشىنىڭ ئېغىزى پۇراپ قالىدۇ، چىشى سېسىيدۇ، ئاغرىشقا باشلايدۇ. كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدىغان، بىز بىلەن ھەمىشە بىللە تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەر ئازار يەيدۇ. ئاللاھ تەئالاھ مۇسۇلمانلارنى بەك پاكىز، خۇشبۇي تۇرىشىنى، كىيىملەرنى پاكىز رەتلىك كىيىشىنى، بەدەن پاكلىقىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرۇدى. كىشىنىڭ مىجەزى ناچار بولسا خەلق ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ، تازىلىقى ياخشى بولمىسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. پاسكىنا، چوتكىلانمىغان ئېغىز بىلەن قىلىنغان دۇئانىڭ قانچىسى ئىجابەت بولماقچىدى؟