مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا *

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ئۇيغۇر سىياسىي تۇرمۇش ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچچكە بولغان ئۈمىد ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە زەئىپلىشىشى كىشلەر ئارىسىدا ئېغىر مۇنقەرز تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويدى. بۇ كرىزىس تەبىئىي ھالدا مىللەتنىڭ كېلەچەك تەغدىرىدىن ئەنسىرىگەن زىيالىيلرىمىزنى مىللەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ يول ۋە چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. مىللەتكە يول كۆرسىتىش، مىللەتنى قۇتقۇزۇش زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قۇرغان بىر ۋوتسئاپ گۇرۇپپىسىدا قېرىنداشلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتمۇ قات ئېغىر بېسىمى ئاستىدا ئۈمىدى، ئىرادىسى، جاسارىتى، غەيرىتى سۇنۇپ يوقىلىشقا قاراپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغىتىدىغان، جانلاندۇرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرەنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ھاجەت ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدىم. بۇ ھەقتىكى كۆزقاراش، تەكلىپ پىكىر ۋە ئويلىغانلىرىمنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق  كۆرۈۋاتىمەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، مەپكۇرە (مەفكۇرە) ئاتالغۇسى ئەرەپچە پىكىر (فىكىر) دېگەن سۆزدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى “پىكىر يۈرگۈزۈلگەن” ياكى “پىكىردە بولغان نەرسە”، “تەسەۋۋۇر شەكلىدىكى غايە” دېگەندىن ئىبارەت. مەپكۇرىگە “خىيال”، “غايە”، “مەقسەت” ۋە “تىلەك” دەيدىغانلارمۇ بار (گۆكئالپ 2014:57). شۇڭا مەپكۇرە دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن “مەقسەت قىلىنغان”، “ئېرىشمەكچى بولغان غايە” ، ئېرىشمەكچى بولغان يۈكسەك مەقسەت” دەپ ئىزاھلىنىدۇ. پەلسەپىۋى جەھەتتىن “ئەمىلىيەتتە بولمىغان، پەقەت پىكىردە تەساۋۋۇر قىلىنغان غايە”  دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ. تۈركىيە تۈركچىسىدە بۇ ئۇقۇم “ئۈلكۈ” (ülkü)، ‘ئىدېئال” (ideal) دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنمەكتە (تۈركچە سۆزلۈك 2005: 2056). ئۇيغۇرچىدا  “مەپكۇرە” دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بۇ سۆز “ئىدىيە” دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا “ئىدىيە” سۆزى “نىيەت”، “مەقسەت”، “غايە” دېگەن مەنىلىرىگىمۇ ئىگە (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 1999 : 1319). بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان “مەپكۇرە” ئاتالغۇسىنى “يېتەكچى ئىدىيە” دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مەپكۇرە بىر خىل ئاڭ ۋە بىر خىل ئىدىئولوگىيىدۇر. مەپكۇرە تۈركىيە سوتسىيولوگىيە ئالىمى زىيا گۆكئالپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئۇقۇمدۇر. زىيا گۆكئالپ بۇ ئۇقۇمنى فرانسۇز سوتىسىيولوگىيە ئالىمى دۇركخېيىم (Emile Durkheim) ئوتتۇرىغا قويغان “كوللېكتىپ / ئىجتىمائىي ۋىجدان” دېگەن ئۇقۇم ئاساسىدا ھاسىل قىلغان. زىيا گۆكئالپنىڭ پىكرى بويىچە، مىللىي ۋىجدان ئەڭ ئۈستۈن مەپكۇرەدۇر. (توقلۇئوغلۇ 2013: 118)

مەپكۇرە، يەنى مىللىي ۋىجدان ئىچكى جەھەتتىن مىللەتلەرنى ئويغىتىدۇ، جەمىئىيەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا مەپكۇرە ناھايىتى كۈچلۈك قۇراللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تاشقى جەھەتتىن تاجاۋۇزچى خاراكتېرلىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر مىللەت قۇدرەت تېپىپ جاھانغا ھۆكۈمران بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى ھۆكۈمدارى ئوغۇز خاننىڭ مەپكۇرىسى جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ “مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى بولىمەن. يەرنىڭ تۆرت بۇلۇڭىنىڭ خاقانى بولسام كېرەكتۇر. سىلەردىن ئىتائەت تىلەيمەن” دېگەن سۆزى بىلەن “ كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان” ، يەنى “قۇياش بايراق، ئاسمان چېدىر بولسۇن” دېگەن سۆزى بۇ مەپكۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈن جاھان ھاكىمىيەتى مەپكۇرىسى تۈركىيە تۈركلىرى ئارىسىدا “قىزىل ئالما” دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بۇ ئۇقۇم “ئىلاھى كەلىمەتۇللاھ”، “نىزامى ئالەم” دېگەن ئىسلامى تېرمىنولوگىيە بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

ئەسلىدە بۇ مەپكۇرە دىنىي ئېتىقاتتىن كەلگەن. چۈنكى كۆك تەڭرى ئېتىقادى بويىچە ئاسماندا تەڭرى بىر ۋە يىگانە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يەريۈزىدىكى ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمدارمۇ بىر ۋە يىگانە بولۇشى كېرەك. ئوغۇزخان، چىڭگىزخان ۋە كېيىنكى ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىرى مانا مۇشۇنداق بىر مەپكۇرە بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ھېگېل جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش مەپكۇرىسىنى “جاھان روھى” دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىللەت سىرلىق بىر روھتۇر. ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي روھى بولىدۇ. بۇ مىللىي روھ باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. مىللىي روھلارنىڭ ئۈستىدە بىر جاھان روھى باردۇركى، بۇ روھ پۈتۈن روھلارغا ھاكىم بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ يۈكسىلىشى، يىمىرىلىشى، غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرى بۇ جاھان روھىنىڭ ئىرادىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر (ئارسال 2018: 120-119).

زىيا گۆكئالپنىڭ قارىشى بويىچە، مەپكۇرىلەر  بىر مىللەت پالاكەتكە ئۇچرىغان، كرزىسكە دۇچ كەلگەن بۆھرانلىق مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق مەزگىللەردە شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەس، مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ھىسسىيات بىلەن ئارىلاشقان مۇقەددەس پىكىرگە مەپكۇرە دېيىلىدۇ (گۆكئالپ 2018: 52-53). پرۇسيا ناپاليون قوشۇنلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن زور پالاكەت زامانىدا گېرمانلىق مەپكۇرىسى ئۇرغۇپ چىققان. ياپونىيە ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن ئېغىر ئاھانەت ۋە بېسىم ئاستىدا قالغاندا ياپون مەپكۇرىسى ئوتتۇرىغا چىققان (گۆكئالپ 2018: 53). بىر مىللەت خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، ئۇنى شەخسلەر قۇتقۇزالمايدۇ، مىللەت ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ. مۇنداق پەيتلەردە شەخسلەر شەخسلەردىن ھالقىغان ئالاھىدە بىر روھقا تەسلىم بولىدۇ، شەخسىي ئىرادە بىر تەرەپتە قېلىپ ئومۇمىي ئىرادە پۈتۈن ۋىجدانلاردا بىر گەۋدە بولىدۇ. مەپكۇرە مەنمەنچىلەرنى جان پىدا مۇجاھىتلارغا، قورقۇنچاقلارنى قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرىدۇ (گۆكئالپ 2018: 54). مەپكۇرىسى بولغان شەخسلەرنىڭ روھلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇ كىشىلەر ھاياجانلىق ۋە ئىرادىلىك بولىدۇ. مەپكۇرىلىرى ئۈچۈن ھاياتلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى پىدا قىلالايدۇ. مەپكۇرە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنى ئۇلۇغلايدۇ، قارشى چىققان ۋە توسالغۇ بولغان نەرسىلەرنى چېقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ (گۆكئالپ 2018: 56). مەپكۇرىسى بولغان مىللەتلەر سىياسىي جەھەتتىن ئۆلگەن بولسىمۇ، چوقۇم تىرىلىدۇ (گۆكئالپ 55:2018).

بۇ كۆز قاراشلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى بېكىتىپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى ئېغىر بىر كرىزىسكە دۇچ كەلدى. ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن شىددەتلىنىپ كېتىۋاتقان تاجاۋۇزكار  خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مەجبۇرى  ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيتىگە جىددىي تەھدىت سالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى يوقىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلكىك، ئىسلام دۇنياسىى، ھەتتا تۈرك دۇنياسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە،  ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،بىز  دىن قېرىنداشلىرىمىز، ئۈممىتىمىز دەپ ئۈمىت باغلىغان  ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ خىتاي تەرەپتە تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ خەۋپتىن ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا  ئۆزىگە، ئۆز كۈچىگە تاينىپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر. بۇ پەۋقۇلئادە ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ۋە رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەقەززا قىلماقتا.

بىز دۇنيادىكى ھەر خىل مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ مىللەتچى خاراكتېرلىق مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئىرق، تىل ۋە دىننى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئىچكى جەھەتتىن جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئويغىتىش، كۈچلەندۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش، تاشقى جەھەتتىن رەقىپ كۈچلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ياۋرۇپالىقلار مىللەتچىلىكنىڭ قۇدرىتىنى 1792-يىلى فرانسىيەنىڭ ۋالمىي دېگەن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن پرۇسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا بايقىغان. ناھايىتى كۈچلۈك مۇنتىزىم قوۇشۇنى بولغان پرۇسىيىگە قارشى فرانسيىنىڭ ئاچ- يالىڭاچ ۋە ئاجىز قوشۇنى گېنېرال كېللېرنىڭ شەپكىسىنى چىقىرىپ “ياشىسۇن مىللەت!” دەپ ۋارقىرىشى ۋە پۈتۈن ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك “ياشىسۇن مىللەت!” دەپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پرۇسىيە قوشۇنىنى تارمار قىلىۋەتكەن. فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ئۇرۇش تارىخچىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ غەلبىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ غەلبىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچنىڭ “ياشىسۇن مىللەت!” دېگەن نىدادا ئەكس ئەتكەن مىللەتچىلىك پىكرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. فرانسىيە ئەسكەرلىرى مىللەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ئۇرۇشقان ۋە بۇ جاسارىتى بىلەن غەلبە قازانغان. شۇندق قىلىپ ياۋرۇپادا يېڭى بىر دەۋىر، يەنى مىللەتچىلىك دەۋرى باشلىغان. 19 -ئەسىردە باشلىغان بۇ مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىسىدا ياۋرۇپادا مىللىي دۆلەت (nation state) لەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ دۆلەتلەر قۇدرەت تېپىپ نۇرغۇن ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن مۇستەملىكە مىللەتلەرمۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرىۋالغان. دېمەك، بىز مۇھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مىللەتچىلىك خاراكتېرلىق مەپكۇرىدۇر.

ئەلۋەتتە، ھازىرقى شەرت-شارائىت 19- ئەسىرنىڭ ۋە 20-ئەسىرنىڭ شەرت-شارائىتىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئوتتۇىغا قويۇلىدىغان مەپكۇرە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا، رېئاللىقىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رېئاللىقى، رېتورىگى ۋە يۈزلىنىشى  بىلەن ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. مەن بۇ ھەقتە مۇنداق بىر تەكلىپ پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. مېنىڭچە، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەپكۇرىسى، يەنى يېتەكچى ئىدىيىسى “يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى”  ( Neo-Uyghur Turkizm) دەپ ئاتىلىشى، بۇ مەپكۇرىنىڭ شۇئارى “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر”  بولۇشى، “ئىسلامىيەت، ھۆرىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت”تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىممەتلەرنى مەزمۇن قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان، تۈرك دۇنياسى، بۈيۈك تۇران ۋە ئىسلام بىرلىكىنى غايە قىلىشى كېرەك. بۇنى مۇنداق سېستمىلاشتۇرغىلى بولىدۇ:

مەپكۇرەنىڭ ئىسمى: يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى ( Neo-Uyghur Turkizm)

مەپكۇرەنىڭ شۇئارى: بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر

مەپكۇرەنىڭ مەزمۇنى: ئىسلامىيەت، ھۆرىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قېرىنداشلىق، مەدەنىيەت

مەپكۇرەنىڭ نىشانى: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان

مەپكۇرەنىڭ غايىسى: تۈرك دۇنياسى، بۈيۈك تۇران ۋە ئىسلام بىرلىكى

بۇلاردىن،

ئىسلامىيەت: قۇرئاننى مەركەز، ئەقىل  ۋە بىلىمنى ئاساس، ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورنى رەت قىلىدىغان ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى

ھۆرىيەت: ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، دېموكراتىيە

ئادالەت: ھەققانىيەت، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، تەڭ – باراۋەرلىك

كەڭ قۇرساقلىق: كىشىگە سۆيگۈ ۋە كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت

قېرىنداشلىق: ئۇيغۇر / تۈرك قېرىنداشلىقى، ئىسلام قېرىنداشلىقى، مىللەت قېرىنداشلىقى، دۇنيا قېرىنداشلىقى

مەدەنىيەت: مىللىي مەدەنىيەت / كۈلتۈر (تىل، دىن، تارىخ، ئەدەبىيات، فولكلور ۋە ئىقتىساد)، مەدەنىيەت / ئۇيغارلىق (بىلىم، سەنئەت، پەلسەپە،  تېخنولوگىيە) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ مەپكۇرە ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلەر سېستىمىسى ئۆز ئىچىدە بىر مېخانىزما ھاسىل قىلغان بولۇپ بۇلار بىربىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قىممەتلەر بولغان بىر جەمىئىيەتتە ئىرقچىلىق، ھەقسىزلىق ۋە ئايرىمچىلىق بولمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن “يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى /  Neo- Uyghur Turkizm“ دەيمىز؟ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پانتۈركىزم، پانئىىسلامىزم ۋە ئۇلۇسچىلىق ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي مەپكۇرىسى بولۇپ، بۇ مەپكۇرە “ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان” دېگەن فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەمتىمىن بۇغرا ۋە مەسۇت سابرى بايقۇزۇ بۇ مەپكۇرەنىڭ تەرەپدارلىرى ۋە تەرغىباتچىلىرى ئىدى. لېكىن بۇ مەپكۇرە رۇسيادا ستالىن، خىتايدا شېڭشىسەي ۋە كېيىنكى خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قارىلاندى ۋە نەتجىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە سالىدىغان قورقۇنۇشلۇق بىر ئۇقۇم ھالىغا كەلتۈرۈپ قويۇلدى. كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشىتن،  پانتۈركىست ياكى پانئىسلامىست دەپ ئاتىلىپ قېلىشتىن ئەيمىنىدىغان، ھەتتا قورقىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم مەپكۇرىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېھىن دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتكىنى يوق. بۇ مەپكۇرە ھازىرمۇ خەلقنىڭ زېھنىدە، قەلبىدە يوشۇرۇن كۈچ ھالىتىدە مەۋجۇتتۇر. بۇ يوشۇرۇن كۈچنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، ئۇيغۇر تۈرك روھىنى ئويغىتىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرىگە، يېڭى بىر تەلەپپۇزغا ئىھتىياجىمىز بار. بۇ تەلەپپۇز “يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى  Neo- Uyghur Turkizm”  دۇر.

ئىككى يىل بۇرۇن يازغان كىچىك بىر  يازمامدا مەپكۇرىنىڭ ئىسمىنى “يېڭى ئۇيغۇرچىلىق / Neo- Uyghurizm” دەپ ئاتىغان ئىدىم. مەلۇم بولغاندەك، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا “ئۇيغۇرىزم” دېگەن بىر ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. مەن بۇ ئۇقۇم ئاساسىدا “يېڭى ئۇيغۇرزم” (Neo-Uyghurizm) يەنى يېڭى ئۇيغۇرچىلىق دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ يازمىغا قارىتا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار ئاساسىدا بۇ ئىپادىنى “يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى” دەپ ئۆزگەرتىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. بۇ شەكىلدە “تۈركچىلىك” ئىدېئولوگىيسىنى تېخىمۇ ئېنىق خاتىرلاتقىلى بولىدۇ [1]. بۇ ئىبارىنىڭ “يېڭى ئۇيغۇرچىلىق` دېگەن ئىبارىگە قارىغاندا ئۇقۇم دائىرىسى “تېخىمۇ كەڭ. “يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى”، “ئۇيغۇر تۈركچىسى”، “ئۇيغۇر تۈركۈ”  دېگەندەك ئىبارىلەر تۈركىيەدە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ خىل ئىبارىنى بۇرۇن زىيا گۆكئالپمۇ ئىشلەتكەن ئىدى. مەسىلەن: ئۇ تۈركچىلىككە قارشى تۇرغان ئىسلام تەرەپتارلىرى بىلەن تۈركچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن “ھازىرقى زامان ئىسلام تۈركلىكى” (Muasır İslam  Türklüğü) دېگەن ئىبارىنى ياراتقان ئىدى (يىلماز 2016 : 369).  بۇ ئىبارىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەكپۇرىسىنى “يېڭى ئىسلام ئۇيغۇر تۈركچىلىكى” دەپ ئاتاش مۇمكىن ئىدى. لېكىن “يېڭى ئىسلام” دېگەن ئىبارە خاتا چۈشىنىشلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىبارىنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرەسى بۈگۈن تۈركىيەدە “تۈركچىلىك” ۋە “تۈرك دۇنياسى” دەپ ئاتىلىۋاتقان  “پانتۈركىزم”  ياكى “تۇرانچىلىق” مەپكۇرىسى بىلەن غايە جەھەتتىن ئوخشاش، پەقەت كۆلەم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىراز پەرقلىنىدۇ.

كۆلەم جەھەتتىن، بۇ مەپكۇرە پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مىللەتچىلىكىگە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ھۇجۇمىغا،  ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىدۇ.

مەزمۇن جەھەتتىن، ئىسلامىيەت، ھۆررىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت دۇنياۋىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا  بۇ ئۇقۇملار بىر بىرىگە قارشى، بىربىرى بىلەن زىدىيەتلىك ئۇقۇملار ئەمەس، بىربىرىنى تولۇقلىغۇچى ماھىيەتتىكى ئۇقۇملاردۇر. بۇ ئۇقۇملارنى بىربىرىگە قارشى ئۇقۇملار قىلىپ كۆرىسىتىشكە بولمايدۇ.

زىيا گۆكئالپمۇ تۈركچىلىكنىڭ يېقىن مەزگىللىك مەپكۇرىسىنى ئوغۇز بىرلىكى، ئۇزاق مەزگىللىك مەپكۇرىسىنى ‘تۇران”  دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى 1- تۈركىيەچىلىك، 2- ئوغۇزچىلىق / تۈركمەنچىلىك، 3- تۇرانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رۇسلارنىڭ رەسمىي رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئەزەربەيجان ۋە تاتار تۈركچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى (توقلۇئوغلۇ 2013: 120). خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرىسىمۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى، شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساس قىلىشى، ئىككىنچى باسقۇچتا تۈرك بىرلىكى ۋە تۈرك دۇنياسىنى، ئۈچىنچى باسقۇچتا بۈيۈك تۇراننى مەقسەت ۋە نىشان قىلىشى كېرەك. يەنى بۇ مەپكۇرىنىڭ جۇغراپىيىيلىك ۋە ماكان /  زېمىن خاراكتېرىنى شەرقىي تۈركىستانچىلىق، تۈركىستانچىلىق ۋە تۇرانچىلىق دەپ كۆرسىتىش مۇمىكىن.

زىيا گۆكئالپنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا، تۈركچىلىك ۋە تۇرانچىلىق ئۇزاق غايەدۇر. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن جىددىي، خەتەرلىك ۋە پەۋقۇلئادەدۇر. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىدىغان بىر تۈركچىلىك ھەرىكىتىگە ئىھتىياج بار. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى،  ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبەك تۈركلىرى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقتۇر. بىز ھەممىمىز قېرىنداش. ئۇلارنىڭ تەغدىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تەغدىرىگە باغلىنىپ كەتكەن. مىللىي كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تايانچ كۈچتۇر، يادرو كۈچتۇر. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ۋە جانلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تىرىلدۈرۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن. شۇڭا، يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىر تىرىلىش ھەرىكىتىدۇر.

يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىلەن ئىسلام ياكى ئىسلام ئۈممەتچىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئختىلاپ بارمۇ؟ يوق. چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەم تۈرك ھەم ئۇيغۇر ۋە ھەم مۇسۇلماندۇر. ئۇيغۇر مىللى كىملىكى تۈرك كىملىكى ھەم مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى ئوخشاشلا ھەم  تۈرك كىملكنى ھەم مۇسۇلمان كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. زىيا گۆكئالپ “تۈركلىك بىلەن ئىسلاملىق، بىرىسى مىللىي، يەنە بىرىسى ئالەمشۇمۇل ماھىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسى ئارىسىدا ئەسلا زىددىيەت يوقتۇر” دەيدۇ (گۆكئالپ 2014:19).

تۈركىيەدە، تۈرك دۇنياسىدا جەدىتچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاساچىلىرىدىن بىرى بولغان شەيىخ  جامالىدىن ئافغانىمۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇسۇلمان قوۋملارنىڭ ئاڭلىق مىللەتچى بولۇشىغا ۋە ئۆز مىللەتلىرى ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كېڭىيىشىغا باغلىق دەپ قارىغان (ئاقچۇرا 2015 :83). نادىم ماجىت تۈركچىلىكتىكى مىللەتچىلىك بىلەن ئىسلامىيەتنى ئوخشاش بىر ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزىدۇر دەيدۇ (ماجىت 2011: 456).

نېمە ئۈچۈن “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر” دەيمىز؟ يەنە ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، “ئۇيغۇر” دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى “ئىتتىپاقلاشقان” ۋە “بىرلەشكەن” دېگەندىن ئىبارەت.  بۇ ئىسىمنى بىزگە ئوغۇز قاغان بەرگەن. شۇڭا بىز مەپكۇرەمىزنى ئۆز ئىسمىمىزدە ساقلاپ تۇرغان مىللەتمىز. ئۇيغۇر بىرلىك دېمەكتۇر، ئىتتىپاقلىق دېمېەكتۇر. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتىن كۈچ تۇغۇلىدۇ. كۈچتىن ھاكىمىيەت تۇغۇلىدۇ. ھاكىمىيەت بىلەن  ئاللاھقا  خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيانى تەرتىپكە سالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا باغلىق بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار مۇھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مانا بۇ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق مەپكۇرىسىدۇر. ئۇيغۇر روھىنى ئۇرغىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنى جانلاندۇرىدىغان،تىرىلدۈرىدىغان مەپكۇرە مانا مۇشۇ دەپ قارايمەن. ئوسمانلى دەۋرىدە زىيالىيلار “ئىتتىخادى ئىسلام” ، يەنى ئىسلام بىرلىكى، “ئىتتىخادى ئوسمان”، يەنى “ئوسمانلى بىرلىكى” دەپ ئاتىلىدىغان مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە  ياراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، ئوسمانلى تەۋەسىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ غەرپنىڭ ئىمپېرىيالىست ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ مەپكۇرەلەر ئۆنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك  بولماي قالدى . تۈركچىلىك پىكىر ئېقىمى مۇشۇنداق تارىخي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى. شۇڭا بىز مىللەتچىلىك  ئاساسىدىكى “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر” شۇئارى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بىرلىشىشكە، ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىشىمىز لازىم.  بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئەمەلگە ئاشقاندا تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرغىلى، مىللى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن “ئۇيغۇر” دېگەن سۆز  پەقەت ئېتنىك گۇرۇپپىنىلا ئەمەس، جۇغراپىيەلىك ماكاننىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئەل / مەملىكەت دېگەن مەنىسىمۇ بولغان. “تۈركىي تىللار دىۋانى”دا مۇنداق دېيىلگەن: “ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن.” ” بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار. ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر: سۈلمى، قوچۇ، جانبالىق، بەشبالىق، يېڭى بالىق” (كاشغەرىي 2012: 94-95). شۇڭا “بۈيۈك ئۇيغۇر” ئىپادىسى كەڭ مەنىدە ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن “كەڭ قۇرساقلىق” دەيمىز؟ كەڭ قۇرساقلىق ئۇيغۇرلار ساھىپ بولغان ئەڭ مۇھىم دۇنياۋىي قىممەتلەرنىڭ بىرىسى. ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل كەڭ قۇرساقلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تۇرپاندا شامانلىق، بۇدىزم، مانىخېئىزم، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكتە بىر ئارادا ياشىغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇيغۇرلار ساھىپ بولغان بۇ كەڭ قۇرساقلىق مەدەنىيىتى سايىسىدا پەرقلىق قوۋم ۋە مىللەتلەر بىربىرى بىلەن ئىناق ياشىيالىغان. كەڭ قۇرساقلىق بولغان يەردە توقۇنۇش بولمايدۇ، ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ، جەمئىيەتتە ئىناقلىق، ھوزۇر بولىدۇ. كەڭ قۇرساقلىق مەدەنيىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ “نېمە بولساڭ بول، يەنە كەل” دېگەن جۈملىسى بىلەن فورمۇلالاشقان بولۇپ، بۇ قىممەت ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى كەڭ قۇرساقلىق تاجاۋۇزچىلارغا قارىتىلغان ئەمەس.

نېمە ئۈچۈن “قېرىنداشلىق” دەيمىز؟ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدە بىربىرى بىلەن قېرىنداش، تۈركلەر بىلەن قېرىنداش، دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن قېرىنداش ، تىل جەھەتتىكى يېقىنلىقى بىلەن مۇڭغۇللار، ياپونلار، كورىيەلىكلەر بىلەن قېرىنداش، ئورتاق ئەجدادىمىز ئادەم ئاتا ۋە ھاۋۋا ئانا مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلىق بىلەن قېرىنداش. شۇڭا قېرىنداشلىق دېگەنمۇ بىر خىل مەپكۇرە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. فرانسىيە بايرىقىدىكى قىزىل رەڭمۇ قېرىنداشلىقنىڭ سىمىۋولى بولۇپ، پۈتۈن فرانسۇزلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىق تار دائىرىدىن ئېيتقاندا مەلۇم بىر مىللەتنى، كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. قېرىنداشلىق بىر جەمئىيەت، بىر دۆلەت، بىر رايوندىكى ئىناقلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئاخىرقى ھېساپتا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتىدۇر.

نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەت دەيمىز؟ھەممىگە مەلۇمكى،تۈركىيەدە مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇم “ئۇيغار” سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغار دېگەن سۆز بولسا ‘ئۇيغۇر” سۆزىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. 1935-يىلىدىكى ماتېرياللاردا مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇم بىۋاستە ھالدا “ئۇيغۇر” سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن (نىشانىيان2018: 893). دىمەك،  ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. مەدەنىيەت مىللىي مەدەنىيەت/ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت/ ئۇيغارلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي مەدەنىيەت، يەنى كۈلتۈر  مىللىي خاراكتېرلىق تىل، دىن، ئەدەبىيات،سەنئەت،  تارىخ، فولكلور، ئۆرپ-ئادەت، ئەنئىنە ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مەزمۇنلارنى، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق بولسا دۇنياۋى خاراكتېرلىىق بىلىم، پەلسەپە، سەنئەت، تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا مىللىي مەدەنىيەت، يەنى كۈلتۈر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ھەم مەنىۋى ۋە ماددى مەۋجۇدىيەتىنىڭ كاپالىتى بولسا، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەدەنىيەت يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى سىياسىي مەنىدە بىر مەپكۇرە بولۇپلا قالماي، مەدەنىيەت جەھەتتىن بۈيۈك بىر مەدەنىيەت پروجەكتىدۇر. ئۇيغۇرلار يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرىسى ئارقىلىق تارىختىكى پارلاق مەدەنىيەت دەۋرىگە قايتىشى كېرەك.

مەپكۇرە / ئىدېئولوگىىيە بىر خىل ھەرىكەت شەكلى، بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇ مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا، ئىش-ھەرىكىتمىزگە، سىياسىي كۈرىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، ئۇيغۇرچە سۆزلەش، يېزىش، كىينىش، يىيىش-ئىچىش، ئۇيغۇر  سەنئىتىنى سۆيۈش، بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈرك قېرىنداشلارنى سۆيۈش، يۈكسەلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدا دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىدا تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشىش بۇ مەپكۇرىنىڭ كونكېرىت ھەرىكەت شەكلىللىرىدىن بەزىلىرىدۇر.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى  رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېڭى بىر مەپكۇرىگە ئېھتىياجى بار. شۇڭا، يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەپكۇرە لاھىيەسى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرە ۋە تەنقىد قىلىنىشى، بۇ ئارقىلىق كەم ياكى يېتەرسىز دەپ قارالغان تەرەپلىرى تولۇقلىنىشى، كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان ئورتاق بىر مەپكۇرەنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى كېرەك. مەن ھەر تۈرلۈك تەنقىدىي پىكىر، كۆز قاراش ۋە تەكلىپنى سەمىمىي قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:

ئاقچۇرا، يۇسۇف. تۈركچىلىكنىڭ تارىخى. نەشىرگە تەييارلىغان: ئەرول قىلىچ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2015.

Akçura, Yusuf, Türkçülüğün Tarihi, Hazırlayan: Erol Kılınç, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2015.

ئاقچۇرا، يۇسۇف. ئۈچ خىل سىياسەت تەرزى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.

Akçura, Yusuf, Üç Tarz-ı Siyaset, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2016.

ئارسال ، سادرى ماقسۇدى. مىللەت تۇيغۇسىنىڭ سوتسىيولوگىيىلىك ئاساسلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Arsal, Sadri Maksudi, Milliyet Duygusunun Sosyolojik Esasları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

بۇلۇت، يۈجەل. ئىدېئولوگىيىنىڭ تارىخى. سوتسىيولوگىيە ژورنىلى. 23-سان. 2011-يىل، 183 – 206-بەتلەر.

Bulut, Yücel, İdeolojinin Tarihçesi, Sosyoloji Dergisi, 23. Sayı, 2011, s. 183-206.

كاشغەرىي، مەھمۇد. تۈركىي تىللار دىۋانى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۈرۈمچى. 2012

گۆكئالپ، زىيا. تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى. نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مەھمەت قاپلان، مىللىي مائارىپ باسمىخانىسى، ئىستانبۇل، 1976.

Gökalp, Ziya, Türkçülüğün Esasları, Hazırlayan: Mehmet Kaplan, Milli Eğitim Basımevi, İstanbul, 1976.

گۆكئالپ، زىيا. چىنارتۈۋى يازمىلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.

Gökalp, Ziya, Çınaraltı Yazıları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul,  2016

گۆكئالپ، زىيا. تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق، زامانىۋىلاشماق. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014.

Gökalp, Ziya, Türkleşmek, İslamlaşmak, Muasırlaşmak, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2014.

قافەسئوغلۇ،ئىبراھىم. تۈرك-ئىسلام سېنتېزى،  ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Kafesoğlu, İbrahim, Türk – İslam Sentezi, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

ماجىت، نادىم. تۈرك مىللەتچىلىكى، مەدەنىيەت ئەقلى، ئىجتىھات ۋە سىياسەت. بېرىقان نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2011.

Macit, Nadim, Türk Milliyetçiliği Kültürel Akıl İçtihat ve Siyaset, Berikan Yayınevi, Ankara, 2011.

نىشانيان، سېۋان. نىشانيان سۆزلىكى. چاغداش تۈركچىنىڭ ئېتىمولوگىيىسي، لىبەر پلۇس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018

Nişanyan, Sevan, Nişanyan Sözlük, Çağdaş Türkçenin Etimolojisi, Liber Plus Yayınları, İstanbul,  2018.

ئورال، مۇستاپا. زامانداشلىرىنىڭ زىيا گۆكئالپقە قاراتقان تەنقىدلىرى. چاغداش تۈركىيە تارىخى تەتقىقات ژورنىلى،  V/12-سان، 2006، 21- 34-بەتلەر،

Oral, Mustafa, Çağdaşları Tarafından Ziya Gökalp’ın Eleştirisi, ÇTTAD, V/12, (2006), ss. 21-34

سمىت، ئانتوني د.، مىللىي كىملىك. ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014ئ

Smith, Anthony D., Milli Kimlik, İletişim Yayınları, İstanbul, 2014.

سىمىت، ئانتوني د.، مىللەتچىلىك، نەزەرىيە، ئىدېئولوگىيە، تارىخ. ئاتىف نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2013.

Smith, Anthony D., Milliyetçilik Kuram, İdeoloji Tarih, Atıf Yayınları, Ankara, 2013.

توقلۇئوغلۇ، جەيلان. زىيا گۆكئالپ ۋە تۈركچىلىك. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پاكۇلتېتى ژورنىلى، 68-توم، 3-سان، 2013، 113 – 139-بەتلەر.

Tokluoğlu, Ceylan, Ziya Gökalp ve Türkçülük, Ankara Üniversitesi SBF Dergisi, Cilt 68, No. 3, 2013, s. 113-139.

تۈركچە سۆزلۈك. تۈرك تىل كومىتېتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005.

Türkçe Sözlük, Türk Dil Kurumu Yayınları, Ankara, 2005.

ۋېبېر، ماكس. سوتسىيولوگىيە يازمىلىرى. نەشىرگە تەييارلىغانلار: Hans H. Gerth, C. Wright، تەرجىمە قىلغۇچى: تاخا پارلا، مەتىس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019.

Weber, Max, Sosyoloji Yazıları, Hazırlayanlar: Hans H. Gerth, C. Wright Mills, Çeviren: Taha Parla, metis yayınları, İstanbul, 2019.

يالچىن، يىلماز. تۈرك يۇردۇ ژورنىلىدا مەپكۇرە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر (1911-1918). سوتسىيولوگىيە كونفېرانسلىرى، 53-سان (2016-1) / 357-387

Yalçın, Yılmaz, Türk Yurdu Dergisi’nde Mefkûre Üzerine Tartışmalar (1911-1918), Sosyoloji Konferansları  No: 53 (2016-1) / 357-387

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999


* بۇ ماقالە 2019-يىلى 7-سىنتەبىردە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان “مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا” تېمىلىق يازمامنىڭ يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» مۇزاكىرە يىغىنىدا چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئاساسەن قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

– ئاپتۇردىن

[1] ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار تۈركتۇر. بۇ بىر ئىلمىي ھەقىقەت. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. “تۈرك” – ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈركمەن ۋە ئەزەرى قاتارلىق تۈركچە سۆزلەيدىغان قەۋملەرنىڭ ئورتاق نامى ۋە  ئۈست كىملىكىدۇر. ئۇيغۇر بىلەن تۈركنى بىر بىرىدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا  ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنى “تۈرك ئۇيغۇر” دەپ ئاتىغان. مەھمىۇت قەشقىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا تۈرك دەيدۇ. تارىخىي ۋە مەدەنىيەت خاتىرىلىرىمىز ۋە رېئاللىقىمىز “ئۇيغۇر” ئىسمىنى تاللاپ “تۈرك” ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى “تۈرك” ئىسمىنى تاللاپ “ئۇيغۇر” ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا رۇخسەت ۋە ئىمكان بەرمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى