مىللەتلەر نەشرىياتى

مىللەتلەر نەشرىياتى - جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىدا سىياسىي - نەزەرىيىۋى، ئىلمىي، ئەدەبىي كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتىن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قارايدۇ. بۇ نەشرىيات 1953 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. بۇ نەشرىياتتا ئۇيغۇر، زاڭزۇ، مۇڭغۇل، چاۋشىيەنزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر تىلدا كىتاب نەشر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە كىتابلارمۇ نەشر قىلىندۇ، نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 2000پارچىغا يېقىن كىتاب نەشرقىلغان. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ يىرىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىنى نۇقتىلىق نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش