مىڭە -نېرۋا سېستىمىسنىڭ كونتېرول مەركىزى بولۇپ،ھەرخىل نېرۋا ھۆجەيرىسى ۋە نېرۋونلاردىن تۈزۈلگەن.ئۇ جانلىقنىڭ ھەرخىل ھەركىتى،ئىچىكى موقۇملىقى(بەدەن ئېقتىدارى،يۈرەك سوقۇش،قان بېسىمى،تەن تېمپۇراتۇرسى...)،ھەرخىل ھېسسى ھەركەت (ئۈگۈنۈش،ھېسيات ،ئەستە ساقلاش ...)قاتارلىقلارنى كونتېرول قىلىدۇ. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ مىڭىسى بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسمىدا بولىدۇ.ئومۇرۇتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مىڭىسى باش سۆڭىكى ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.مىڭە يۇلۇن بىلەن بىرلىكتە ھۆجەيرىلارنىڭ مورەككەپ بولغان ئالاقلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،ھەرخىل ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مىڭە ھاياتلىقنى ساقلايدىغان تۈگۈندۇر.

قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ مىڭىسى 1-1.5kgغىچە بولۇپ ،ھەجىمى 1600Cm2 كىلدۇ ،ئومۇمى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 2%تىنى ئىگەللەيدۇ.ئادەتتە مىڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.مىڭىدە جەمئى140مىليارد نېرۋا ھۆجەيرىسى بولۇپ ،ئومۇمى نېرۋاھۆجەيرىسىنىڭ1/10نى تەشكىل قىلدۇ.مىڭىنى چوڭ مىڭە،كىچىك مىڭە ،مىڭە غولى قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.