مىڭ بىر كېچە ياكى مىڭبىر كېچە (ئەرەبچە: ئەلف لەيلە ۋە لەيلە)، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدىكى ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى كۆلىمى زور خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى. ئۇنى كىشىلەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى «ئەڭ سەلتەنەتلىك ئابىدە» دەپ ئاتايدۇ. مىڭ بىر كېچە تەخمىنەن 11-12-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ 16-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن رەتلىنىپ كىتاپ بولغان. مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان دەجلە دەرياسى، باغداد شەھرى، خەلىپە ھارۇن رەشىد قاتارلىقلار ھەقىقى بار شەخس ۋە جايلار بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى قەدىمدىن قالغان ھىكايىلەر بىلەن ھەتتا مىلادىدىن بۇرۇنقى ھىندىستان ھىكايىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇۋېتىلگەن.

«مىڭ بىر كېچە» نىڭ كىتاب نامى بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى چۆچىكىدىن چىقىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمدە شەھرىيار ئىسىملىك پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئۇ ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ئامراق ئىكەن، لېكىن ئۇ ھەرقېتىم ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە خانىشى كېنىزەكلىرى بىلەن باغقا چىقىپ قۇللار بىلەن شاراب ئىچىشىپ، ئەيش - ئىشرەت قىلىشىدىكەن. پادىشاھ خانىشنىڭ بىر قۇل بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، غەزەپتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى بىر قىزنى ئالىدىكەن، ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. پۇقرالار قىزلىرىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد خەلقنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن پادىشاھقا تېگىپتۇ. ئۇ تۇنجى كېچىسىدىن باشلاپ پادىشاھقا قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، چۆچەك ئەڭ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، تاڭ ئېتىپ قالىدىكەن. شەھرىزاد قەستەن چۆچەكنى توختىتىۋېلىپ، پادىشاھنى ئۇنى ئاڭلاشقا قىزىقتۇرىدىكەن. پادىشاھ چۆچەك ئاڭلاشنى بولدى قىلاي دېسە، كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن، شەھرىزادنى ئۆلتۈرەي دېسە، تېخى چىدىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋېرىپتۇ. شەھرىزاد ئۇدا بىر مىڭ بىر كېچە چۆچەك ئېيتىپتۇ، پادىشاھ شەھرىزادنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ھىس قىلىدىكەن، ھەممىلا ئايالنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيادا تۈرلۈك ئىنسانلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدىكەن، ھىكايە ئۇدا مىڭ بىر كېچە داۋاملاشقاندا شەھرىزادمۇ ئاللىبۇرۇن پادىشاھتىن بالىلىق بولىدىكەن، پادىشاھمۇ تەسىرلىنىپ، بۇرۇنقى بىمەنە ۋە رەھىمسىزلەرچە چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىدىكەن. كىتابنىڭ نامى مانا شۇنىڭدىن كەلگەن شۇنداقلا بۇ نام، كىتابتىكى رەڭگا رەڭ ۋە بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز چۆچەكلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدىغان بىر يىپ. «مىڭ بىر كېچە» دۇنياغا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. ئۇ خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تەبىئىي شەرت - شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنى ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ، نىكاھ، مۇھەببەت، دېڭىز سەپىرى، تەۋەككۈلچىلىك، سودا، دىن، ئەخلاقتىن تارتىپ تەربىيە - ساۋاق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن. پېرسوناژلىرى ئىچىدە خان، پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالاردىن تارتىپ، قۇل، قەلەندەرلەر، پەرىشتە، ئەرۋاھ، دىۋىلەر، شۇنىڭدەك ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەر، ھەر ساھە - ھەر كەسىپتىكىلەرگىچە ھەممىسى بار. شەكلى كۆپ خىل ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال - تەمسىل، مەسەل، چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەتلەر بار. «مىڭ بىر كېچە» نىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى شۇكى، ئۇنىڭدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ - ئىستىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت - نەپرەت ھېسسىياتى، شۇنىڭدەك، ساددا، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىتالىيىلىك بوككاچچىئو، ئەنگلىيىلىك شېكېسپېر، ئىسپانىيىلىك سېرۋانتىس قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلارمۇ بۇ بۈيۈك ئەسەردىن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان. ئالاۋىدىن ۋە سېھىرلىك چىراغ، دېڭىز سەرگەردانى سىندىبات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل مىڭبىر كېچە تەرىپىدىن بارلىققا كالتۈرۈلگەن ئوبرازلاردۇر.

‹‹مىڭ بىر كېچە››-قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەدەبىي ئەسىرى.ئۇنىڭغا قەدىمكى يېقىن شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چۆچەك-رىۋايەتلىرى،مەسەل-ھىكايىلىرى توپلانغان.ئۇ،ئاجايىپ-غارايىپ،فانتازىيىلىك ۋە سېھرى كۈچكە ئىگە،نەپىس ۋە تەسىرلىك بولۇپ،ھەر قايسى دۆلەت ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ،ئۇلارنى ئىزچىل تۈردە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن.گوركىي ئۇنى‹‹خەلق ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر سەلتەنەتلىك ئابىدە››دېگەنىدى. ‹‹مىڭ بىر كېچە››بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان.بەلكى ئۇ،ئۆتكەن خاندانلىقلاردىكى ئەرەب مەدداھلىرىنىڭ تەكرار پىششىقلاپ ئىجاد قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ئۇ دەسلەپ ئەرەبىستاندا تارقالغان،بۇ تەخمىنەن مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىش بولۇپ،16-ئەسىردە رەسمىي كىتاب قىلىنغان.بۇ ھىكايىلەرنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى -‹‹ھەزار ئەپسانە››(يەنى مىڭ بىر كېچە)دېگەن بىر پارس ھېكايىلەر توپلىمى ئىدى .‹‹مىڭ بىر كېچە››دىكى نۇرغۇن مۇھىم ھىكايىلەرمۇ باغدادنى پايتەخت قىلغان ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىسىر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ‹‹مىڭ بىر كېچە››نىڭ كىتاب قىلىنىش جەريانى -ئوخشاشمىغان جايلار،ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ چۆچەك،رىۋايەت،ھىكايىلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز قوبۇل قىلىنىشى ۋە يۇغۇرۇلۇش جەريانىدۇر. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى،قۇبۇل قىلىش،يۇغۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇ يەنە ئوخشاشمىغان دەۋرلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئاساسىدا يېڭى ھىكايىلەرنىڭ توختىماي ئىجاد قىلىنىش،ئۆزلۈكسىز بارلىققا كىلىش جەريانى.ئۇنىڭ كىتاب قىلىنىش ۋاقتى سەككىز-توققۇز ئەسرگە يەتكەن.ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى،تەرەققىياتى،تۇراقلاشتۇرۇلىشى ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئوخشاشمىغان دەۋرلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن.ئەرەب تۇپرىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.شۇڭا ئۇنىڭ ھىكايىلىرى قايسى تىپتا بولمىسۇن،رۆشەن ھالدا ئەرەب ۋە ئىسلام تۈسىگە ئىگە. ‹‹مىڭ بىر كېچە››نىڭ بېشىدا،قەدىمكى دەۋردىكى بىر زالىم پادىشاھنىڭ ئۆز خانىشىنىڭ باشقىلار بىلەن ئاشنا ئوينىغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ،ھەرقانداق ئايالغا ئىشەنمەس بولغانلىقى،ھەم ھەر ئاخشىمى بىر خوتۇن ئېلىپ،تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆچ ئالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد گۇناھىسىز ھەدە-سىڭىللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن شاھ ئوردىسىغا بېرىپ،شاھقا نىكاھلىنىپ،ھەر كېچە بىر ھىكايە ئېيتىش ئارقىلىق شاھنى قىزىقتۇرۇپ،جەمئىي مىڭ بىر كېچە ھىكايە ئېيتىپ،ئاخىر پادىشاھنى تەسىرلەندۈرىدۇ.پۈتۈن كىتابتىكى ھېكايە-چۆچەكلەر تەخمىنەن 200دىن ئارتۇق.ھەر كېچە بىر نەچچە كىچىك ھىكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەر بىر چوڭ ھېكايە بىر نەچچە كېچىگىچە ئېيتىلىدۇ. ‹‹مىڭ بىر كېچە››ھېكايىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ،تۈسى رەڭگا-رەڭ ،پېرسوناژلىرى ھەر خىل دىۋە،ئالۋاستى،ھۆر-پەرىلەردىن سىرت،جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام ۋە تۈرلۈك كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.مەسىلەن،ئۇنىڭدا پادىشاھ،ۋەزىر،شاھزادە،مەلىكە،سودىگەر،بېلىقچى،تىككۈچى،شەيخ،ھاممال،يايمىچى،ھۈنەرۋەن،قۇل،پاھىشە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.كۆپ ساندىكى ھېكايىلەر خىيالىي تۈستە بولۇپ،تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىشكە ئىگە. رىۋايەت ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنىڭ مولۇم ئالاھىدە بەدىئىي ۋاستىسى قىلىنغان.ھېكايىدىكى سىرلىق تاشقى پەردىنى ئېچىۋەتكەندە ،قەدىمكى ئەرەب ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ خىلمۇ خىل كۆرۈنشلىرى ،بولۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئىدىيىۋىي ھىسسىياتى ،ئارزۇ-ئارمىنى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.