مۆمىنجان ئابلىكىم

مۆمىنجان ئابلىكىم
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىناخشىچى

ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر ، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى . سەبىي مۆمىنجان ئۆتمۈش ۋە بۈگۈگە شاھىد بولغان ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ، يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ قەدىم توغراقلىقلاردا ئوينايتتى ، چارچىغاندا توغراقلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى . چۆچەكلەردىكى بەخت-سائادەت ئەلچىسى بولمىش ئاپئاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي ، گۈزەل بىر نازىنىننى كۈيلەپ راۋاب چېلىۋاتقان ئاشىق يىگىت ، گۈل -چىچەكلەردىن بېزەك تاقىغان ئاق قاناتلىق پەرىزات قىز ....... قاتارلىق سېھىرلىك ئوبرازلار ئاشۇ توغراقلىقلاردىن چىقىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى .

慕茗江·阿不力克木


دېمەكچىمىزكى ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئانا تۇپراققا مەھكەم يېپىشقان قەدىم توغراقلار مۆمىنجانغا ئانا زېمىنغا مۇھەببەت باغلاش ، سەنئەتنى سۆيۈش ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن يۈكسەك ئىرادە تىكلەش ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي رېئاللىققا يۈزلىنىش ......... ھەققىدە تۇنجى دەرسلەرنى بەرگەن ئىدى .


مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېيىنچە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇمشۇقتىكى چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ باردى . مۆمىنجان باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇدى . بۇ جەرياندا مەكتەپتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى . ھەر قېتىم پائالىيەت بولسىلا مۆمىنجان ناخشا ئېيتاتتى . 1960-،1970-يىللاردىكى ئۇنتۇلغۇسىز سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ئەخمىدى تەرىپىدىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇلغان << جانانىم كەلسە>> ناملىق خەلق ناخشىسى مۆمىنجانغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى . شۇڭا مۆمىنجان بۇ ناخشىنى پۇتۈن ھىسىياتى بىلەن ئېيتىشنى ئۆگىنىۋالدى . مۆمىنجان <<جانانىم كەلسە>> ناملىق بۇ ناخشىسى بىلەن باشلانغۇچنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن ئالقىشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھازىرمۇ خشاللىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ .


1994-يىلى يازدا مۆمىنجان تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ ، يۇقىرى نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندى .


مۆمىنجان ناخشا-مۇزىكىغا چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن سەنئەت كەسپىنى تاللىماي ، ئارخېئولوگىيىدىن ئىبارەت غەيرى سەنئەت كەسپىدە ئوقۇيدۇ ؟


ئاساسىي سەۋەب شۇ يەردىكى ، مۆمىنجاننىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا (يەنى ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ دادىسى) ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ۋايىغا يەتكغزۈپ چالالايدىغان ، ئەل ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە خەلق سەنئەتلارى ئىدى . <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> مەزگىلىدىكى ئەسەبىي سىياسىي ھەركەتلەردە بۇ مۆھتىرەم كىشىمۇ باشقا نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىزغا ئوخشاش جىمانىي ۋە رپھىي جەھەتلەردە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى . كېيىن گەرچە ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ ، زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ <<سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى>> دېگەندەك ، سەنئەت ئۈچۈن تارتقان ئەلەم ۋە خورلۇق بۇ سەنئەتكارنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى . شۇڭا بۇ كىشى ئۆز جەمەتىدىن يەنە داۋاملىق سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ چىقىشىنى خالىمايتتى . ئەمما ، ئىرادىگە خىلاپ ھالدا سەنئەت گېنى غالىپ كېلىپ ، بۇ ئائىلىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابلەت ئابلىكىم يېتىشىپ چىقتى (مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىككىيلەن ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان ، دىققەتكە سازاۋەر چولپانلارغا ئايلاندى ) .


مۆمىنجان يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى تولۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ :<<ئالىي مەكتەپنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغىنىمغا ھەرگىزمۇ پۇشايمىنىم يوق ، چۈنكى مەكتەپتە نەھايىتى ياخشى ئوقۇدۇم . جەمئىيەتكە بىر بىلىملىك ياش سۈپىتىدە قەدەم باستىم . ھازىرمۇ ئارخېئولوگىيە ھەم تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرىمەن . ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىمۇ قانداقلا ئىجتىمائىي پائالىيەت بولسا ناخشا ئېيتاتتىم . ناخشا مۇزىكىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ قېنىمدا بولۇشى مېنىڭ ناخشىچى بولۇشۇمدىكى بىر سەۋەب بولسا ، خەلقىمنىڭ مېنى چەتكە قاقمىغانلىقى يەنەبىر مۇھىم سەۋەب . چۈنكى ، مەن دەسلەپكى لېنتامنى چىقارغىنىمدا ،كىشىلەرنىڭ :<<بۇ بالا ئۆزبېكىستاننىڭ ، تۈركىيىنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىدىكەن>> دەپ ماڭا زەربە بەرگەن بولسا ، ناخشا ئېيتىشتىن ۋاز كېچىپ ، ئۆز كەسپىمدىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ تارىخچى ياكى ئارخېئولوگ بولۇپ كېتىشىم تامامەن مۇمكىن ئىدى . لېكىن شۇ ۋاقىتتلاردا كىشىلەر ئارىسىدىن :<<مۆمىنجان دەپ بىر ناخشىچى يېتىلىۋىتىپتۇ . ئاۋازى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭكىگە ئوخشايدىكەن . ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ئىكەن>> دېگەندەك ياخشى ئىنكاسلار چىقىپ ، مىنى رىغبەتلەندۈردى . شۇنىڭ بىلەن ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم .>> مۆمىنجان ئالىي مەكتەپتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى . مۇشۇ بەش يىل جەريانىدا ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك <<كوجىما ياسنورى (شياۋداۋ كاڭيۈ ) ئوقۇش مۇكاپاتى>> ، شاڭخەي <<باۋگاڭ ئوقۇش مۇكاپاتى>> ، <<دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى>> ....... قاتارلىق بىر قانچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تولىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئىنستىتۇت <<ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى>> نىڭ باشلىقلىق ۋە فاكۇلتېت <<ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى>> نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىدى . ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى . بۇ چاغلاردىكى ئالدىراش ۋە جاپالىق ئۆگىنىش بېسىمى مۆمىنجاننىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . مۇشۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە مۆمىنجاننىڭ تۇنجى لېنتىسى <<خوش كېتىمەن>> نەشىردىن چىقتى . لېنتىدىكى <<جانانىم كەلسە>> ، <<ئازغۇن>> قاتارلىق نادىر ناخشىلار چوڭلىرىمىزنىڭ دىتىغا ياققان بولسا ، <<گۈلدەستە>> ، <<خوش كېتىمەن>> ،<<ئەي گۈزەل>> ، <<لالە>> قاتارلىق ناخشىلار ياشلىرىمىزنىڭ روھىغا تولىمۇ خۇش ياقتى .


دېمەك ، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلىشى مۆمىنجاننىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى (يەنى 1999-يىلى) مۆمىنجاننىڭ <<چۈشۈمدە سەن>> ناملىق سىنتەخسە پىلاستىنكىسى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىردىن چىقتى . شۇنداق قىلىپ مۆمىنجان ناخشا-مۇزىكا بىلەن رەسمىي شۇغۇللىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى . 2002-يىلى باھاردا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان <<مەلىكەم>> ناملىق سىنتەخسە پىلاستىنكىسى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، شۇ ۋاقىتقىچە نەشىر قىلىنغان ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئىچىدە ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادى قىممەت ياراتتى . 2003-يىلنىڭ بېشىدا <<ۋىسال ئىشقى>> ، يازدا <<چىرايلىق>> قاتارلىق پىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىندى . شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى ، <<چۈشۈمدەسەن>> ، <<مەلىكەم>> ، <<ۋىسال ئىشقى>> قاتارلىق پىلاستىنكا ۋە لېنتىلاردا ئۆزبېك ، تۈرۈك قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى سالماق ئورۇن تۇتاتتى .


مۆمىنجان گەرچە بۇ ناخشىلارنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەت قارىشىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچەيگەن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ئۇنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن كرىزىسلىق ئوي-خىياللارنى بەخش ئەتتى . ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئاممىباب ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كۆپ بۇلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدى (چۈنكى، ئۆزىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغاندىلا ، تالاغا قاتراپ خەقنىڭكىنى ئېيتىپ يۈرمەيدىغان گەپ -تە) .


ئۇ يۇقىرىقىدەك ياخشى ئارزۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، ئامالنىڭ بارىچە تىرىشىپ ، <<چىرايلىق>> ناملىق پىلاستىنكىسىدا ساپ ئۇيغۇرچە ناخشى-مۇزىكىنىڭ نىسبىتىنى%60گە يەتكۈزدى . بىراق، بىر قىسىم ناخشىچىلىرىمىز ئۆزبىكچە، تۈرۈكچە، ھىندىچە، ئەرەبچە، روسچە ناخشىلارنى كۆپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقانلىقتىن، ئۇيغۇر مەتبۇئات ساھەسىدە ئەۋجىگە چىققان تەنقىد-مۇنازىرىلەر، ھەتتا بەزىدە نۇرماللىقتىن ھالقىپ كەتكەن ، تىل-ھاقارەت دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئاتالمىش تەنقىدلەر ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولمىش مۆمىنجاننى تولىمۇ بىئارام قىلدى . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ناخشىلىرىغا يېڭى سەۋىيە ، يېڭى ھېسىيات، يېڭى مەنە ئىزدەپ ، ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا سەۋىيىسى جەھەتتە بىزنىڭ خېلىلا ئالدىمىزغا ئۈتۈپ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر تاشلىدى ۋە 2004-يىلى 11-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى .


ياۋرۇپا ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگەنگەنلەرگە مەلۇمكى، گىرمانىيىلىك مەشھۇر ئەدىب گيوتې ئىجادىيەتتە ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىغاچقا1786-يىلدىن1788-يىلغىچە ئىتالىيىدە ساياھەت قىلىپ ، ئۆز مەنىۋىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنىدى . <<ئەدىبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى ھېسابلىنىدىغان ئىتالىيە گيوتې ئۈچۈن ئېيتقاندا ، گويا پايانسىز كەتكەن سەنئەت موزېيىدەك كۆرۈنگەنىدى، بۇ يەرنىڭ كەچكى شەپىقى، بولزانو كوچىلىرىدىكى قايناق بازارلار ، چىركاۋ تاملىرىدىكى ھەيۋەتلىك دىنىي رەسىملەر گيوتېنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يېڭىباشتىن بايقىشدىكى ئوبيېكتلاردىن بولغانىدى. ئىتالىيىدىكى ئىككى يىللىق زىيارەت گيوتېنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانىدى.>>