مۇختار قادىر ھونزادە

ئەدىب مۇختار قادىر ھونزادە 1964 ‏- يىلى مەكىتتە تۇغۇلغان. 2007- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، پەيشەنبە، چۈشتىن كېيىن سائەت 11:30 ئەتراپىدا مەكىت ناھىيىسدە مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. مەكىتكە دەفن قىلىنغان.

بايىنغۇلىن ئوبلاستى نېفىت 2 ‏- ئوتتۇرا مەكتىبىدە ئىشلىگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇيغۇر تور بېتى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، تونۇلغان ياش شائىر.

مائارىپ سېپىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەدىپ مۇختار قادىر ھونزادە ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ساھەسىگە ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويۇپ، تەييارلىغان تور بېتى ئارقىلىق ئۇچۇر دۇنياسىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق تېمىلارنى تارقىتىش، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيىلەش، ھەۋەسكارلارنىڭ مەنىۋىي بايلىقىنى بېيىتىش يولىدا ھالال خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

مەنبە تەھرىرلەش