مۇخپۇل ئابلىز 1964-يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە توغۇلغان، 1982-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتىنىڭ دورىگەرلىك فاكولتىتىدا ئوقىغان، 1998-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە فىرانسىيە نانسى 1-ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى 4-ئايدىن 2009-يىلى 4- ئايغىچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پوستدوكتورلار پونكىتىدا تەربىيەلىنىپ، پوستدوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2011-يىلى3-ئايدىن شۇ يىلى 9-ئايغىچە فىرانسىيە پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوستدوكتورلار پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىرغىچە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 16 تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، 55 پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، 2015-يىلى ئۆزى يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ«فارادىن»بىئو -تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش يولىغا قەدەم قويغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، مەكتەپ «168 قۇرۇلۇشى» دورىگەرلىك خىمىيەسى كەسپىنىڭ ئىلىم-پەن باشلامچىسى، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، فىرانسىيە نانسى 1- ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، فىرانسىيە پارىژ 7- ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك دوكتۇر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

  موخپۇل ئابلىز فىرانسىيەگە ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇنلا، شىنجاڭنىڭ چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى قاتارلىق دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ئۆسۈملۈكلىرىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى، ئۇ فىرانسىيەگە بارغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.گەرچە، تەتقىقات جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، قەتئي بوشاشماي ئىزدەندى.ئاخىرى، فىرانسىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن پايدىلنىپ شىنجاڭنىڭ دورىلىق  قىممىتى يۇقىرى ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنى ئايرىش تەتقىقاتىدا دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتلىرى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى نوپوزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ،كەسىپداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.ئۇ فىرانسىيەدىكى سەككىز يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى . 

موخپۇل ئابلىز شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوقۇتۇش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتتى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بالىلارنىڭ بويىنڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كالا يېلىكى بىرىكمە جەۋھىرى، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان «راھەت ئىچىملىكى»، ئاق كېسەللىكنى داۋالاش، يۇشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئىگە بولغان «ئاق گۈزىلى» مەلھىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تۈرلۈك پەن- تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشتى ۋە ئىلتىماس قىلىندى. 2015 -يىلىغا كەلگەندە ئۇ يۇقىرىقى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا سۇنۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاز-تولا بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەقسىدىدە، شىنجاڭ«فارادىن»بىئو -تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقوتۇش ۋە تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە تەرەققىيات يولىغا دادىل قەدەم تاشلىدى.