مۇسئەب ئىبن ئۆمەير

ساھابە كىراملارنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىدىن بولغان مۇسئەبنىڭ تەخەللۇسى ئەبۇمۇھەممەدتۇر. مۇسئەب ئىبن ئۆمەير مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ئېنىق ئەمەس، لېكىن كۆپ قىسىم مەلۇماتلاردا مىلادى 594 ياكى 598-يىلى تۇغۇلغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ئۇ مىلادى 614-يىلى ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىسلام بارلىققا كەلتۈرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەربىيلىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى ھەم ئىسلام ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئىدى. بۇ ئۇلۇغ ساھابە مىلادى 625-يىلى ئۇھۇد غازىتىدا شېھىت بولغان.

ئۇ مەككىنىڭ پۇلدار ئائىلىلىرىدىن بولۇپ، كېلىشكەن ۋە ئېسىل كىيىنىدىغان يىگىت ئىدى. ئاتائانىسى ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى، بولۇپمۇ مەككىنىڭ ئەڭ بايلىرىدىن سانىلىدىغان ئانىسى ئوغلىغا ئەڭ گۈزەل كىيىملەرنىكەيدۈرەتتى ۋە ئېسىل خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى سۈرەتتى. مەككىلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشاتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەككىدە مۇسئەب ئىبن ئۆمەيردىن بەكراق چىرايلىق كىيىنگەن، ئۇنىڭدىن بەكراق كېلىشكەن ۋە نېئمەتلەر ئىچىدە چوڭ بولغان باشقا بىر ياش كۆرمىدىم». مۇسئەب مەككىدە شۇ كۈننىڭ شارائىتىغا كۆرە، بايلىق ۋە ھەشەمەت ئىچىدە ياشاۋاتقان مەزگىلدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇ ۋاقىتتا مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما پەيغەمبىرىمىزنى مەخپىي زىيارەت قىلىشقا سەل قارىمايتتى. بىر كۈنى ئوسمان ئىبن تەلھە مۇسئەبنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە تۇققانلىرىغا بىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويدى. شۇنداق قىلىپ مەككىنىڭ بۇ ئېسىل ۋە پۇلدار يىگىتى ئۈچۈن ئەلەملىك ۋە قىيىن كۈنلەر باشلاندى. ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان تۇنجى كارۋانغا قوشۇلغىچە ھەپىسخانىدا تۇتۇلغان ھەزرىتى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەت ئىمكانى ھازىر بولۇشى بىلەنلا، دىننى تېخىمۇ راھەت بىر شەكىلدە ياشاش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى. ھەبەشىستاندىن قايتقاندا، ھەزرىتى مۇسئەبنىڭ ئەھۋالى تامامەن ئۆزگەرگەن ۋە بۇ كېلىشكەن يىگىتنىڭ ئورنىنى قەلبى ئىسلام ۋە ئىمان بىلەن تولغان، ئىرادىسى كۈچلۈك، قەيسەر بىر يىگىت ئالغان ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىكى بۇ قەتئىيلىك ۋە كۈچلۈك ئىرادىنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭغا قىلىۋاتقان بېسىمنى بىرئاز يېنىكلىتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ مەزگىلدە بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتى ئېلىپ بېرىلىپ، مەدىنىلىك مۇسۇلمانلاردىن بىر گۇرۇپ كىشى مۇسۇلمان بولغان ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن بىر ئوقۇتقۇچى تەلەپ قىلشتى. ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مۇھىم ۋەزىپە ئۈچۈن مۇسئەب ئىبن ئۆمەيرنى تاللىدى. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەم ئۇلارغا ئىمام بولاتتى ھەم قۇرئان ئۆگىتەتتى ھەمدە ئىسلامنى چۈشەندۈرەتتى ۋە يېڭى كىشلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە تۇنجى ھىجرەت قىلغان ساھابە مۇسئەب ئىبن ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولغان ئىدى. بىر يىل كېيىن ھەج مەۋسۇمىدا 70 نەچچە كىشى بىلەن مەككىگە كەلگەن مۇسئەب ئىبىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنىدە ئىسلامنىڭ تېز سۈرئەتتە يېيىلغانلىقىنىڭ خۇش بىشارىتىنى بەرگەن چاغدا شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئىسلام كىرمىگەن ۋە ئۇ ھەقتە سۆز قىلىنمىغان ئۆي قالمىدى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلار بۇ خەۋەرگە ئىنتايىن سۆيۈنۈشتى. ئوغلىنىڭ مەككىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئانىسى ئۇنى قايتىدىن سولاپ قويماقچى بولدى. ئەمما مۇسئەب بۇلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى تەمكىن بىر مۇسۇلماننىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇردى ۋە ئاتا-ئانىسىنى بۇنىڭدىن ۋاز كەچتۈردى. ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى بىر نەتىجە بەرمىگىنىدەك، ئانىسىمۇ مۇسئەبنى يولدىن قايتۇرالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىككى ئايچە قالغان مۇسئەب ئىبن ئۆمەير ھىجرەتتىن 12 كۈن بۇرۇن مەدىنىگە يېتىپ باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس ۋە ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويدى. ئۇھۇد غازىتىدا ئىسلام قوشۇنىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن مۇسئەبنىڭ ئالدى بىلەن ئوڭ قولى كېسىلدى، دەرھال بايراقنى سول قولىغا ئېلىپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئەمما سول قولىمۇ كېسىلدى. (ھەر ئىككى قولى جەينەكتىن كېسىلگەن ئىدى). ئاخىرىدا مۇشرىكلارنىڭ بىر نەيزىسى بىلەن شەھىد بولدى ۋە بايراقنى دەرھال مۇسۇلمانلاردىن بىرى ئالدى. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھىد قىلىنغاندا 40 ياشتا ئىدى. ساھابىلەر بىر زامانلاردا بايلىق ۋە پاراغەت ئىچىدە ياشىغان بۇ قىممەتلىك كىشىنى كېپەنلەيدىغان بىر پارچە رەخت تاپالمىدى. مۇسئەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلگەندە. بىر كونا توننىڭ ئىچىدە چاچلىرى چۇۋۇلغان، بەدىنى بولسا قىلىچ، نەيزىلەرنىڭ ئىزلىرى بىلەن تىتىلغان ھالدا ياتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەمكىن ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى مەككىدە كۆرگىنىمدە سەندىن چىرايلىقراق كىيىنگەن ۋە سەندىن كېلىشكەن ھېچكىم يوق ئىدى، ئەمدى بولسا بېشىڭ كېپەنسىز ھالدا ئوچۇق قالدى». ئاللاھ يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان بۇ ئەزىز شەھىد ساھابە ھەققىدە ساھابىلەردىن خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلدۇق. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھتىنلا كۈتىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا دۇنيا نېئمەتلىرىنى تېتىماستىن ئاخىرەتكە كەتكەنلەر باركى، مۇسئەب ئىبن ئۆمەير ئۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئۇھۇد كۈنى شەھىد بولغان ئىدى، ئەمما ئۇنى يۆگەشكە بىر كېپەن تاپالمىغان ئىدۇق، پەقەت ئۇنىڭ بىر كونا تونى بولۇپ، بۇ ئەزىز شەھىدنى ئۇنىڭ بىلەن كېپەنلەشكە تىرىشتۇق، ئەمما بېشىنى ياپساق پۇتلىرى ئوچۇق قالاتتى. بۇ يوقسۇللۇق ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە، ئۇنىڭ بېشىنى يېپىشىمىزنى، پۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىزخىر دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن قويىشىمىزنى بۇيرىدى».