مۇسنەدى ئەھمەد

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى مۇسنەدى ئەھمەد بىن ھەنبەل)

مۇسنەدۇ ئەھمەد (مسند الإمام أحمد بن حنبل)، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) تەرىپىدىن ئوغلى ئابدۇللاھقا سۆزلەپ بېرىلىپ، شۇ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلىپ رەتلەنگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىدۇر.

ھەربىر ساھابىنىڭ رىۋايەتلىرى جەملەنگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەردە ھەم ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن ئەشەرەئى مۇبەششەرە، ئاندىن ئەھلى بەيتتىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە يېزىلغان. ئىمام ئەھمەد ئەسەردە ھەدىس تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن 61 يىللىق ئۆمرىدە 283 ئۇستازىدىن ئاڭلاپ توپلىغان، 904 ساھابىدىن كەلگەن «سەھىھ»، «ھەسەن» ۋە ئاز بىر قىسمى «زەئىف» دەرىجىدىكى 30 مىڭغا يېقىن (تەكرارلانغانلىرى بىلەن 40 مىڭ) ھەدىسنى تاللاپ كەلتۈرىدۇ.

ئەسەرنى تەھقىقلەپ نەشرگە تەييارلىغان شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن بېكىتىلىشچە، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سانى 27 مىڭ 679 «مەرفۇﺋ» (ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ») ھەدىس، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى قوشۇپ قويغىنى 642 ھەدىستۇر. ئەڭ بۈيۈك ھەدىس توپلىمى ۋە خەزىنىسى بولغان بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ مۇكەممەل نەشرى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن 2001 - يىلى بېيرۇتتا 50 تومدا نەشر قىلىنغاندۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش