مۇقان قاغان (مىلادى 554-574) ئىستىدات ئىگىسى بولوپ كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچىنى دۇنياغا مەشھۇر قىلدى ،مۇقان قاغاننىڭ تەختكە چىقىشى كۆك تۈركلەرئىمپىريىسنى قۇدرەتلىك ، سەلتەنەت دەۋرىگە كىرگنلكىدىن دىرەك بەردى .

مىلادى 554-يىلى مۇقان قاغان شەرققە يۈرۈش قىلىپ كۆك تۈرك چىگىرسىنى ئۇلۇق ئۇكيانغا يەنى ساخالىن ئارىلى كوريەنىڭ شىمالغا تۇتاشتۇردى . شەرققە يۈرۈشتىن قايىتقاندىن كىيىن ئورخۇن، سېلىنكا ،تۇغلا دەريالىرى بويدىكى ئورخون ئۇيغۇرلىرىنى (شەرقى تارماق ئۇيغۇرلار)،يىنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئىقىندىكى قىپچاقلارنى بويسۇندۇردى .

مىلادى 554-يىلى مۇقان قاغان،ئەينى دەۋىردىكى كۈچلۈك ھىسابلانغان ئاق ھون ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىش مەقستىدە ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ شاھى خسراۋ ئانۇشىرانغا ئەلچىلەر ئۆمكى ئەۋەتتى ،چۈنكى ساسانىلار سۇلالىسى ئاق ھون ئىمپىريىسىگە قارام ئىدى ،ھەر يىلى قەرەلىدە ئولپان تۆلەيتتى . بىرگە غەربى ۋىې سۇلالىسى (مىلادى 557-535 بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ تۇيغۇن خانلىقنى( مىلادى 663-317)يوق قىلدى .

مۇقان قاغان مىلادى 557-يىلى ئاق ھونلارغا يۈرۈش قىلىپ 5يىلدا دۇنياغا مەشھۇر ئاق ھون ئىمپىريىسىنى يوق قىلدى .

مىلادى 562-يىلى مۇقان قاغان ساسانىلار سۇلالىسى بىلەن بولغان دۇستلۇق مۇناسۋەتنى ئۇزدى .چۈنكى مۇنداق سەۋەپلەر بارئىدى ،1.چۈنكى يىپەك يولىنىڭ بىرقىسىم بۆلكى ساسانىلار تىرتۇريىسىدە ئىدى ،مەشھۇر يىپەك يولى ھوقوقىنى تالشش .2. ئاق ھۇن ئىپىريىسىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ساسانلار ئىشخال قىلۋالغان ئىدى .3. 3قىتىم ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ ئۆلتۈرلىشى . مۇقان قاغان مىلادى 565-يىلى غەربى چىگىرسىنى قارا دىڭىزغا تۇتاشتۇردى .

مىلادى 568-يىلى مۇقان قاغان ساسانلارغا قارشى ئىتتپاق تۈزۈش مەقسىتىدە شەرقى رىم ئىپىراتۇرى يوستئانII(مىلادى578-558 )گە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتتى . مىلادى 569-يىلى مۇقان قاغان قۇشۇنى خۇراسانغا بىسىپ كىرىپ ئىران قوشوننى تارمار قىلدى .،ھەمدە ساسانلارنىڭ ئاق ھون ئىپىريىسىنىڭ ئىشخال قىلۋالغان زىمىلىرىنى تەلتۆكۆس قايتۇرۋالدى ، شۇندىلا ساسانىلار سۈلھى تەلەپ قىلىپ ئولپان تۆلەيدىغان بولدى .

ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ،ئۇغۇزخاننىڭ ، باتۇرتەڭرقۇتنىڭ ئىزنى باسقان تۈرىكلەرنىڭ ئۇلۇق قاغانى مۇقان قاغان مىلادى 574-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى .